شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، فىرانسىيە پايتەختى پارىژ شەھىرى، ھاۋا كىلىمات يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند بىلەن كەچلىك غىزادا بىللە بولدى، ئۇلارغا يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي قاتارلىقلار ھەمراھ بولدى.
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند شۇ جاي ۋاقتى 1-چېسلا پارىژ كىلىمات يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، فىرانسىيە كەلگۈسى تۆت يىلدا ئافرىقا قىتئەسى دۆلەتلىرىگە ئىككى مىليارد ياۋرو ئىقتىسادى ياردەم تەمىنلەپ، بۇ ئارقىلىق قايتا پەيدا بولىدىغان ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خىمىيىۋى يېقىلغۇلار پەيدا قىلىدىغان بۇلغىنىشنى ئازلىتىشنى خالايدۇ.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھوللاند نۇتۇق سۆزلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا، فىرانسىيە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى دۆلەتلەرگە ئالتە مىليارد ياۋرولۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەمىنلەيدۇ. ئۇندىن باشقا فىرانسىيە يەنە ئىككى مىليارد ياۋرو ئىقتسادى ياردەم بېرىپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ھاسىلىۋى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 21-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات يىغىنى (COP21) شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى پارىژدا ئېچىلدى. يىغىندا تەخمىنەن 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبىرى قاتنىشىپ ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىش توغرىسىدا يەر شارى كېلىشىمى تۈزۈش ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. ئۇلار يەر شارى پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش، ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرى ئېلىپ كەلگەن يامان تەسىرلەرنى ئاجىزلىتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved