كۆپ دۆلەتلەر ئىتتىپاقى يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشىكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

يەمەن كىرىزىسى تۈپەيلىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەتلەر ئىتتىپاقى يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق تەشىكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. بىراق يەمەننىڭ قاتمال ۋەزىيىتىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.
يەمەن مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبىتى 15- ئىيۇن جەنۋەدە ئىچىلدى. بىراق يىغىننىڭ ئىستىقبالى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، بۇندىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، يەمەننىڭ قاچاق ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى باھا قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى: قاچاق ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ قىلچىلىك جەڭگىۋارلىقى بولمىغاچقا ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىر قۇرالى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى، دەپ مەسخىرە قىلدى.
ئەمەلىيەتتە، دۆلەت زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىمنى ئىگىلىگەن قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق رەقىبى دەپ قاراپ كەلدى. ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى بىلەنلا ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتماستىن، ئەكسىچە ئۇرۇش ئۆتىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغىچە تۇتاشتۇردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئېتىپ چۈشۈردى . بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئەمەلى كۈچىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىنىمۇ نامايان قىلدى. چۈنكى بۇندىن ئىلگىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى تەل توكۇس ۋەيران قىلدۇق دەپ جاكارلىغان ئىدى.
ھاۋا ھۇجۇمى قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنى باش ئەگدۇرەلمىگەنلىكتىن، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسى توختاپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋالدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتا قانداق ھەرىكەت قوللىنىشى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تارالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سابىق پادىشاھ ئابدۇللانىڭ ئوغلى، سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلق قوغدىنىش قىسىمىنىڭ خەلق قوغدىنىش ساقچى مۇھاپىزەتچىلەر ۋەزىرى مۇتەيبۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئامېرىكىدا چىقىدىغان نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: مۇتەيبۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ، بۇ ۋەزىپىگە ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى، يېڭى پادىشاھ سالماننىڭ ئوغلى مۇھەممەت تەيىنلىنىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلغان. بۇ خەۋەر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. خەلق قوغدىنىش قىسىمى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى ئىشلار قىسمى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى خان جەمەتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ، ئوردىدا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، مەملىكەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقنى بېسىقتۇرۇش، نېفىتلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت. قوغدىنىش قىسىمى ئامېرىكىچە مەشىقلەندۈرۈلگەن بولۇپ ، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن قۇرال جابدۇقلارنى ئىشلىتەلەيدۇ. 100 مىڭ تايانچ خادىمى بار، ئۇلار ئابدۇللا جەمەتى ھوقۇقىنىڭ ئاساسى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى يەمەنگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، خەلق قوغدىنىش قىسمى بۇنىڭغا ئانچە ئارىلاشمىغان، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى چېگراسىغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلق قوغدىنىش قىسىمى ئۇرۇشقا ئارىلىشىشقا باشلاپ، چېگرا قۇرۇقلۇقىدا جەڭ قىلىدىغان ئاساسلىق كۈچكە ئايلاندى. ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستانى دائىرىلىرى مۇتەيبۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرسا، تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ: 1- توغرا چۈشەندۈرۈش بولسا، بۇ قىسىمنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۈنۈمى بولغاچقا، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرەلمىدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاۋا ئارمىيەسىمۇ ئىككى لىنىيەدە ئۇرۇش قىلىش يۈكىدىن قۇتۇلۇپ قالدى، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغىمۇ ھاۋادىن ھۇجۇم قىلالمىدى. 2-، سەلبىي چۇشەندۈرۈش، خەلق قوغدىنىش قىسىمىنىڭ ئۇرۇش قىلىش كۈچى ئاجىز ، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى چېگرا رايونغا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلدى، بۇنىڭ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەمەلى كۈچى ، بولۇپمۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارى گۇمان قوزغىدى.

شۇڭا خەلق قوغدىنىش قىسىمى ئىپادىسنىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر گېنېرالى ئالماشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن، يېڭى پادىشاھ سالماننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يولىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. سالمان تەختكە چىققاندىن كىيىن، ئابدۇللانىڭ مۇقىم ئىستىلىنى ئۆزگەرتتى، مەسىلەن، پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە، ئابدۇللا ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالدى، گەرچە ئۇ ئەلنىڭ كۆڭلىگە ئېرىشكەن ھەم ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ پادىشالىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئوغلىنى پادىشالىق ئورنىغا تەيىنلەشكە بولمايدىغان قائىدىگە ئەمەل قىلىپ،ئامراق بالىسى مۇتەيىبۇنى خەلق قوغدىنىش قىسىمىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى. بىراق سالمان تەختكە چىقىپلا، ئۆزىنىڭ ئوغلىنى مۇئاۋىن ۋارىسلىق ئورنىغا تەيىنلىدى، مۇشۇنداق بولغاندا 1985- يىلى تۇغۇلغان بۇ شاھزادە يەنە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ۋە ئىقتىساد تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. يەمەنگە قارتا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن كىيىن، بۇندىن ئىلگىرى كىشىلەر بىلمەيدىغان مۇھەممەت ئوتتۇرىغا چىقىپ، قۇرۇقلۇق ، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باشلىقى بولدى.
ھاۋا ھۇجۇمى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مىللىي ئىپتىخارىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلق قوغدىنىش قىسىمى بۇنىڭغا ئارلاشقانلىقتىن، مۇھىم ئىككى خىل خەۋپكە يولۇقتى. ئەگەر خەلق قوغدىنىش قىسمى ياخشى رول ئوينىسا، ئۇنداقدا پۇقرالار بۇنى پادىشاھنىڭ ئوغلىنىڭ تۆھپىسى دەپ قارايدۇ. ئەگەر خەلق قوغدىنىش قىسىمى ئانچە ياخشى رول ئاينىيالمىسا، يەمەندىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، مۇھەممەدنىڭ ئىناۋىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنى يېڭى پادىشاھ كۆرۈشنى خالىمايدۇ.



خەتكۈچلەر:
21-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
22-05-2016
     چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرلەشمە خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان بۇ يىل تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان ئىسسىق دولقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. تېمپىراتۇرىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ 51 سېلىتسىيە گىرادۇسقا...
22-05-2016
    ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى Nenzing بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا كېچىلىكىدە قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ب...
22-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 22-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئەر شۇ جاي ۋاقتى 19-چېسلا كېچىدە تامدىن ئارتىلىپ ئەنگىلىيە خان سارىيىغا كىرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئايال پادىشاھ ئېلزابىت ئىككىنچى ۋە يولدىش...
22-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 22-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىر ھەپتىلىك ئاسىيا قىتئەسى سەپىرىنى باشلىغان بولۇپ، ۋيېتنام ۋە ياپونىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن.     خە...
22-05-2016
    تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى چىگرا رايونىدىكى كىلىس شەھىرىنىڭ نوپۇسى 100 مىڭغا يەتمەيدىغان بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بۇ جايغا 130 مىڭچە سۇرىيەلىك مۇساپىرلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كىلىس شەھىرىنىڭ باشلىقى ھەسەن كارل...
22-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 22-ماي، بىرمىنىڭ نايپىيداۋ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاپىتى كېررېي بېرمىغا زىيارەتكە كېلىپ، بېرمىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭسان سۇكىي بىلەن كۆرۈشتى.  
22-05-2016
    «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى 14-نۆۋەتلىك قازاقىستان-جۇڭگو تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئالمۇتا شەھىرىدە باشلاندى.     بۇ قېتىمقى كۆرگ...
22-05-2016
    كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتە چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى خەلق قوراللىق قىسمى كورىيەگە سۇنغان خىزمەت خاراكتىرلىك ئۇچرىشىش ئىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: چاۋشيەن ئالدى بىلەن يادروسىزلاشتۇرۇش تەدبىرىن...
22-05-2016
    جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى، پاكىستان ئاخبارات رادىئوسى ۋە دۆلەت مىراسلىرى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو- پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن ئىس...
22-05-2016
   ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتىدىكى فونىك شەھىرىدە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ روي ئىسىملىك بىر قارا تەنلىك مۇخبىرى ئالدىنقى ھەپتە سىرتتا زىيارەت قىلىۋاتقاندا، توساتتىن قورسىقى ئاغرىپ كەتكەن، مانا مۇشۇنداق جىددى ئەھۋال ئاستىدا يېقى...
Powered by Leglek