فېڭ جىن، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 31 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن دېلو ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، بارلىق يىغىن قاتناشچىلىرى سۈكۈتتە تۇرۇپ، 30 – ئىيۇل زوراۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات، قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر داموللامغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.
30 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 4 تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، جۈمە تاھىر داموللام بامدات نامىزىنىڭ ئىماملىقىنى قىلىپ بولۇپ تۇرغاندا، زوراۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن: جۈمە تاھىر داموللام ۋەتەننى، دىننى سۆيىدىغان، پەزىلەتلىك ھەم ئابرۇيلۇق زات ئىدى، بىز زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، دېدى.
جاڭ چۈنشيەن بارلىق يىغىن ئىشتراكچىلىرىنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، جۈمە تاھىر داموللامغا ئۈچ مىنۇت سۈكۈتتە تۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.
جۈمە تاھىر 1940 – يىلى 10 – ئايدا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش قاتارلىق ئىدىيەلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن، ئۇنىڭ دىنىي بىلىمى كامالەتكە يەتكەن، ئۇ كەمتەر ۋە خۇش پېئىل، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز دىن ساھەسىدە خېلى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر ئىززەت – ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.
جۈمە تاھىر 1983 – يىلىدىن ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون، قەشقەر ۋىلايىتى، قەشقەر شەھىرى تەرىپىدىن ئۇدا ‹‹بەشتە ياخشى دىنىي زات›› بولۇپ باھالانغان. 2005 – يىلىدىن بۇيان، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ سايلانغان.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved