شۇ جاي ۋاقتى 27-دېكابىر، پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئىككى ھەپتە بولغان ۋاقىتتا، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى پارىژدىكى شەرەپلىك ھەربىي قورۇسىدا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. قازا قىلغۇچىلارنىڭ ۋە يارىلانغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قۇتقۇزۇشقا قاتناشقۇچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، دىنىي تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بولۇپ 2000 دىن كۆپرەك ئادەم تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-دېكابىردىكى تېلېگراممىسى، ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ 8-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تورغا چىققۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈشكە تېخىمۇ قولايلىق بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇچۇرىنى توسۇش ئۈچۈن فىرانسىيە ئىچكى كابىنېتى بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان.
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى تورغا چىققاندا ئىسمىنى يوشۇرۇش تۈزۈمىنى توختىتىشنى پىلانلىغان. «دۇنيا گېزىتى» مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا بىر قاتار قانۇن تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، فىرانسىيە ئىچكى كابىنېتى بۇ تەدبىرلەرنى دەسلەپكى قانۇن لايىھەسىگە كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
بىرىنچى مۇھىم تەدبىر: جىددىي ھالەت مەزگىلىدە مەخپىي نومۇرى يوق ھەمبەھرىلەش تىپىدىكى سىمسىز تورلارغا زەنجىرسىمان ئۇلاشنى مەنئى قىلىش، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى زەنجىرسىمان ئۇلىنىدىغان سىمسىز تورلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشكەن، بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى يۇقىرىقىدەك تورلاردا تورغا چىققۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن قىيىنكەن. بۇندىن كېيىن، سىتارباكىس كۇتۇپخانىسى، باغچە، گۈللۈك قاتارلىق جايلاردا سىمسىز تورغا چىققىلى بولمايدىكەن. تېلېگراف شىركىتىمۇ ھەمبەھرىلەش تىپىدىكى تورلارنى توختىتىدىكەن، مەسىلەن: ئەركىن سېمسىز تورى، SFR سىمسىز تورى قاتارلىقلار. بۇ تەدبىر كۆپلىگەن سىمسىز تور ئىشلەتكۈچىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىنكەن.
يەنە بىر مۇھىم تەدبىر: «فىرانسىيەنىڭ باش پىياز روتېرىنى مەنئى قىلىپ ياكى تەقىب قىلىپ، نامسىز ئالاقىلاشقىلى بولىدىغان ئەركىن يۇمتال ئاشكارىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش). سىمسىز تورغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ تەدبىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلار ناھايىتى ئازكەن. بۇ خىل يۇمتالنى پەقەت ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىققا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان تور ئەھلى ئىشلىتىدىكەن. تور جىنايەتچىلىرى ۋە تېررورچىلار ئىمكان بولسىلا پىياز روتېرىنى ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىدىكەن، بىراق بۇندىن باشقا كۆپ كىشىلەرمۇ بۇ روتېرنى ئىشلىتىشنى بىلىدىكەن، مەسىلەن: مۇخبىر، ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچى ياكى ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچى قاتارلىقلار.
مەخپىي نومۇرغا ئېرىشىش
ھۆكۈمەتنىڭ قۇلۇپلايدىغىنى پەقەتلا سىمسىز تور ۋە «پىياز» روتېرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە توردا تېلېفون ئۇرۇش يۇمتالىنىمۇ قۇلۇپلايدىكەن، مەسىلەن: VolP يۇمتالى قۇلۇپلىنىدىكەن. ئىچكى كابىنېت تور ئىشلەتكۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى «پەرقلەندۈرۈش»نىڭ «كىشىلەرنىڭ مەخپىي نومۇرنى ساقچىلارغا دەپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىشنى» ئۈمىد قىلىدىكەن. بىراق تېخنىكا تەلىپىدىن قارىغاندا بۇ تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرنېمە دېگىلى بولمايدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم تەدبىر، تاكسىلارغا بىردەك يەرشارى سۈنئىي ھەمراھ ئۇرۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئورنىتىش؛ تېلېفوننىڭ ھېسابات تالونى ۋە سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئىككى يىلغىچە ساقلاپ قويۇش (نۆۋەتتە بىر يىل)؛ئاممىۋى سورۇنلاردىكى نازارەت قىلىش سىنئالغۇسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش؛ ئەدلىيە تارماقلىرى ئىجازەت بەرمىگەن قامۇس بېكەتلىرىگە رازۋېدكا (ۋىكىپەدكە ئوخشايدىغان قامۇس خاراكتېرلىك بېكەتلەر) قىلىش يۇمتالى ئارقىلىق كونترول قىلىش.
يۇقىرىدىكى بارلىق تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قوللىنىشى ناتايىنكەن، ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قارىتا قارار چىقىرىدىكەن. قوبۇل قىلىنغان تەدبىرلەر ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ بىرسى جىددىي ھالەتكە، يەنە بىرسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا چېتىشلىق ئىكەن. بۇ تەدبىرلەر يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدىن باشلاپ قوللىنىلىشى مۇمكىنكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved