توكيو تېببىي ئۇنىۋېرستېتى يېقىندا دائىم تېز تاماقخانىدا غىزىلانغان بالىلار توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم تېز تاماقخانىدا غىزالانغان %30 بالىنىڭ پۇراش سېزىمىدىن مەسىلە چىققان بولۇپ، ئۇلار پۇراش سېزىمىگە توغرا ھۆكۈم قىلالمايدىكەن.
تېببىي خادىملار دائىم تېز تاماقخانىدا غىزالانغان 349 بالىنى تەكشۈرۈپ، %30 بالىنىڭ تۈرلۈك پۇراقلارنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان، پۇراق پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بالىلارنىڭڭ كۆپىنچىسى شەربەت، تېز تاماقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئادەتتە كۆكتاتنى ئاز يەيدىكەن.
تېببىي خادىملار تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، شەربەت بىلەن تېز زىيادە ئىستېمال قىلغان بالىلارنىڭ پۇراش سېزىمىدە ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلىدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاققىچە داۋاملاشسا، يۇقىرى قان بېسم، دىيابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved