قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ 2013- يىللىق كىرىم دوكلاتى
ۋاڭيى ئىقتىساد خەۋىرىنىڭ 30-چىسىلادىكى خەۋىرىدە، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 2013-يىلىدىكى يىللىق كەسىپ نەتىجىسى چىققانلىقىنى، ئۆتكەن يىلدىكى يىللىق ساپ كىرىمنىڭ 2151.22مىلىيارد يۈەن بولغانلىقىنى، ئالدىنقى يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 11.12% ئېشىپ، كۈندىكى پايچىك كىرىمى 0.86 يۈەندىن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا 11..69% ئېشىش كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.
2013-يىلى، قۇرۇلۇش بانكىسى گۇروھىنىڭ ئەمەلگە ئاشقان پايدىسىنىڭ ئومومىي قىممىتى 2798.06مىلىيارد يۈەن بولغان، ئەمەلگە ئاشقان پايدا نىسبىتى 11.28% ئاشقان، ساپ پايدىسىنىڭ قىممىتى 2151.22 مىلىيارد يۈەن بولغان، ساپ پايدا نىسبىتى 11.12%ئاشقان، قۇرۇلۇش بانكىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ بانكا گۇروھىنىڭ سەۋىيسى ئاشقان، ئاساسلىق قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپىقىيتى بولسا، ئەمگەك ئۆسۈمىدىنلا ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 363.42 مىلىيارد يۈەن ئاشقان، نىسبىتى بولسا 10.29% ئاشقان، يەنە بىرسى رەسمىيەت بىجىرىش ھەققىدىن كىرگەن كىرىم، ئالدىنقى يىلدىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 107.76 مىلىيارد يۈەن ئاشقان، نىسپىتى بولسا 11.52% ئاشقان، كەسىپ ۋە باشقۇرۇش ئامپىلتۇدىسى بىر ئاز تۆۋەنلىگەن.
پەسىل ئاخىرى دوكلاتىدا، قۇرۇلۇش بانكىسى گۇروھىنىڭ مال-مۈلىكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنى 153632.102 مىلىيارد يۈەن دەپ ھېسابلىغان، 2013-يىلىدىكى بۇ ھېساباتتىن بىلىشكە بولىدۇكى، بۇ مال مۈلۈك ئومۇمىي قىممىتىى2012-يىلىدىكىدىن 9.95% ئاشقان، خېرىدارلارنىڭ ئالغان قەرىزى ۋە بەرگەن ئاۋانىسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 85900.57مىلىيارد يۈەن بولغان، ھەمدە 14.35% ئاشقان. خېرىدارلارنىڭ ساقلىغان پۇل قىممىتى،122230.37مىلىيارد يۈەن بولغان، ھەمدە 10.39% ئاشقان، سودا تىجارەت كىرىمى ئىچىدەە 76.59%نى ئىگەللىگەن، رەسمىيەت بىجىرىش ھەققىدىن كىرگەن كىرىم 1042.83 مىلىيارد بۇلۇپ، 11.52% ئاشقان، بۇ سودا تىجارىتىنىڭ 20.50% ئىگللىگەن.
قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ دوكلات بېرىشىچە، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، بۇ گوروھنىڭ مال-مۈلۈك دائىرسى 150000مىلىياردتىن ئېشىپ كەتكەن، سۈپەتسىز قەرىز قالدۇق سوممىسى 106مىلىيارد ئاشقان، 2013-يىلى 12-ئاينىڭ31-كۈنىگىچە، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ پايدىسىز قەرىز سوممىسىى 852.64مىلىيارقا يەتكەن، پايدىسىز قەرىز نىسبىتى 0.99% ئاشقان، ۋە ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 0.34چۈشكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
تەھرىر: ئوسمان
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved