نامراتلار: مەھسۇلات ياخشى بولسىلا، چوقۇم پۇل تاپقىلى بولىدۇ، ھازىر ئېلان قىممەتلەپ كېتىۋاتىدۇ، شۇڭا سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتسىلا، ئېلان بەرمىسىمۇ بولىدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار: ‹‹جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس››، پايدا ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز مەبلەغ سېلىش كېرەك. مەھسۇلاتنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئېلان بېرىش كېرەك.
نامراتلار: ئېلانغا سېلىنىدىغان مەبلەغ بەك كۆپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ چولپانلارغا بېرىلىدىغان ئېلان ھەققى.
ۋېنجۇلۇقلار: مەھسۇلاتنى بازار تاپقۇزۇش ئۈچۈن چوقۇم ئېلان بېرىش، يەنە كېلىپ ئېلاننى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھازىرقى كىشىلەر چولپانلارنى ياقتۇرىدۇ، ئۇلارغا چوقۇنىدۇ، چولپانلار ئۈنۈمى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشىغا زور تۈرتكە بولىدۇ، بۇ ئىشنى ئەپچىل يۈرۈشتۈرگەندىلا، مەھسۇلات چولپانلارغا ئوخشاش داڭق چىقىرىدۇ.
نامراتلار: كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ھە دېگەندىلا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار: ئۆزگەرتىپ تۇرۇش نورمال ئەھۋال، ئۆزگەرتمەسلىك بىنورماللىق. كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۈزۈمنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كارخانىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
نامراتلار: ئىشنى ئەستايىدىل قىلىش كېرەك، زېھنىنى بىر ساھەگە قاراتقاندىلا، شۇ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ، زېھنى چېچىلسا ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولمايدۇ.
ۋېنجۇلۇقلار: ئوخشىمىغان باسقۇچتا ئوخشىمىغان تاكتىكا قوللىنىش كېرەك، كارخانا كۆلىمىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، خەۋپمۇ زورىيىدۇ، مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەبلەغنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بىر ساھەدە مەغلۇپ بولسا، ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا پۇرسەت بولىدۇ.
كاتتا باي لى جياچېڭ مۇنداق دېگەن: سېلىنما قائىدىسى بويىچە، ھەممە تۇخۇمنى بىرلا سېۋەتكە سالماسلىق كېرەك. بىراقلا مەغلۇپ بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەبلەغنى ئوخشىمىغان ساھەلەرگە سېلىش كېرەك، ئەگەر بىرەر خەۋپ كۆرۈلسە، كۈچنى ساقلاپ قېلىپ، ئىشنى قايتىدىن باشلاش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.
خەۋەر مەنبەسىدە ۋېنجۇلۇقلار دىيىلگەچكە ئۆز پېتى ئېلىندى توغىرا چۇشۇنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى : ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved