چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 6- يانۋار جىبۇتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان.
جىبۇتى باياناتتا يەنە سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە: ئىران دىپلوماتىيە ئۆمىكىدىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دېگەن.
سەئۇدى ئەرەبسىتان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى 2- يانۋار شىئە مەزھىپىدىكى تېررورىزىم بىلەن شۇغۇللانغان دىنى زات نىمىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى جاكارلغان. بۇ ئىشتىن غەزەپلەنگەن ئىرانلىق كۆچ كۆرسەتكچىلەر سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەلچىخانا بىناسىغا ئوت قويىۋەتكەن. 3- يانۋار سەئۇدى ئەرەبسىتان ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتى مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئارقىدىنلا سۇدان ۋە بەھرەينلەرمۇ ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved