سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھ سالماننىڭ يېتەكچىلىكىدە قايسى يۆلىنىشكە قاراپ ماڭىدۇ؟

27-يانۋار، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ھىنىدىستاندىكى زىيارىتىنىڭ ۋاقتىنى قىسقارتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تەخمىنەن 4 سائەت زىيارەتتە بولدى، بۇ ئارىلىقتا ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يېڭىدىن تەخىتكە چىققان پادىشاھى سالمان بىلەن كۆرۈشتى.


ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش، يەمەن ۋەزىيىتى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ۋە سۈرىيە كىرىزىسى قاتارلىق مۇھىم قارالمىلار توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى.

 

ئوباما سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كەلگۈسىدە يېڭى پادىشاھ سالماننىڭ يېتەكچىلىكىدە قايسى يۆلىنىشكە قاراپ مېڭىشى سىرتتىكىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا.


تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىش سالمان تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولىدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق پادىشاھ ئابدۇللانىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ۋەكىل ئەۋەتىشى ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىدىكى ئىجابىي سېگنال دەپ ھېسابلاندى، سىرتتىكىلەر سالمان بۇنىڭغا پائال ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ، مۆلچەرلىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، سالمان ئىران بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئويلىشىۋېتىپتۇ.
ئوباما تاراقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقىنىدەك، ئىنتايىن مۇرەككەپ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلشتا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىش سالماننىڭ دۆلەت ئىچىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇشى مۇمكىن.


مۇقىم نېفىت سىياسىتىنى ساقلاش سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يېڭى پادىشاھىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەدبىرى بولۇشى مۇمكىن. سالمان تەختكە چىققاندىن كېيىن نەيىمنى داۋاملىق نېفىت مىنىستىرى قىلدى، بۇ سالماننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خەلقئارا نېفىت بازىرىدىكى باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق ساقلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىر نېفىت باھاسى داۋاملىق تۆۋەن بولماقتا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ناھايىتى تەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى زور مەبلەغ سېلىپ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى، ھالبۇكى بۇ زور مەبلەغ نېفىت كىرىمىدىن كەلدى. 2010-يىلدىن 2013-يىلغىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مالىيە چىقىمى %52 ئېشىپ، 265 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

 

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ھەر بىر باك نېفىت باھاسى 90 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەندە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاندىن خامچوت تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالايدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھازىرقى تۆۋەن نېفىت باھاسىغا ئارىلىشىش تەدبىرى قوللانماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ يەنىلا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بار. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەمەلدارى ئىلگىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادى نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا يەنە ئىككى بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، دېگەن. لېكىن بىر باك نېفىت باھاسى ئۇزاق مۇددەت 50 ئامېرىكا دوللىرىدا تۇرىۋەرسە، بۇ جەزمەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادىغا بىر قەدەر زور پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 


يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن ساھەلەردە ئسىلاھات ئېلىپ بېرىش سالماننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۆلىنىشى بولۇشى مۇمكىن. 26-يانۋار، رىياتتا ئېچىلغان 8-نۆۋەتلىك خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارى مۇنبىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىقتىساد ۋە پىلان مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى غەشىر: سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىختىساسلىقلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق، يېڭى تېخنىكا قوللىنىپ ھازىرقى ئىسراپچىلىق ئەھۋالىنى ياخشىلايمىز، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا %75 ئىش ئورنى ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا مەركەزلىشىپ قالدى، بۇ بىنورمال ئەھۋال. ياشلار تېخىمۇ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە مۇھتاج، دېگەن.
بۇندىن باشقا، سالمان ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق پادىشاھلىق ھوقۇققا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئۇ دۆلەت قۇرۇغۇچى پادىشاھ ئابدۇللا ئەزىزنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى ۋارىس قىلىپ كۆرسەتتى، ھوقۇقنىڭ سىلىق ئۆتۈشىگە قانداق يول ھازىرلاش ئۇ دۇچ كېلىدىغان خېلى قىيىن مەسىلە بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
02-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن جاخانا خايېس (ئوڭدىن 2-كىشى) ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى...
05-05-2016
    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر شىمالىي قىسمىدىكى قورغان ئالېپپودا كەسكىن توقۇنۇشۇپ، ئۇرۇش توختىغىلى ئەمدىلا 10 ھەپتىدەك بولغان ۋەزىيەت ھالاكەتكە يۈزلەندى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئال...
05-05-2016
    4- ماي كۈنى بولسا جۇڭگونىڭ ياشلار بايرىمى. ياشلىق دېگەن نېمە؟ گوۋۇيۈەن« دۆلەتلىك يىللىق بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى چارىسى» بويىچە ياشلار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بولسا 14 ياشتىن 28 ياشقىچە بول...
05-05-2016
    20 ياشتىن ئاشقان كورىيەلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنى «دوزاخ كەبى دۆلەت» دەپ قارايدۇ، جەمئىيەت ئەھۋالى ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان ئۇلارنى كەلگۈسىدە قايسى دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويغا...
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
04-05-2016
    ياپونىيە 3-ماي تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى 50 مىڭ ياپونىيە شەھەر ئاھالىسى توكيوغا يىغىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى بىكار ...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
Powered by Leglek