لەگلەك گۇرۇپىسى ئالاھىدە تەييارلىدى . تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ ،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىللەتلەر يۇلتۇز تۈركۈمىگە بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىغان بۇلۇپ كەتتى ،يۇلتۇز تۈركۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تور بەت ،كىتاب ،كىچىك ژۇرنال ۋە يانفۇن ئەپلىرىمۇ ئاز ئەمەس.ئادەتتە بىز بۇ تۇغۇلغان كۈن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئون ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ نامىنى خەنزۇچە نامى بىلەن ئاتاپ كېلىۋاتىمىز ياكى ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىۋالىمىز .
ئەمەلىيەتتە كىتابچە لۇغەت ،تور لۇغىتى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىزدىسىڭىز ، بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئۇيغۇرچە قانداق ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز . سىز ئون ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتلىشىنى بىلەمسىز ؟
تۆۋەندە لەگلەك گۇرۇپىسى ،ئالاقىدار ماتېرىياللار بويىچە تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز .
(سەمىمىي ئەسكەرتىش :يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ نامى لۇغەت ۋە كىتابتىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىندى ،ئەگەر تەرجىمىدە خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا ،دوستلارنىڭ توغرا بولغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز )
تۇغۇلغان كۈنى 3-ئاينىڭ21-كۈنىدىن ،4-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كەلگەنلەر ھەمەل يۇلتۇزتۈركۈمىگە تەۋە 白 羊座 ،
تۇغۇلغان كۈنى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كەلگەنلەر سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە 金牛座
تۇغۇلغان كۈنى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كەلگەنلەر جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە 双子座
تۇغۇلغان كۈنى 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كەلگەنلەر سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە 巨蟹座
تۇغۇلغان كۈنى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كەلگەنلەر ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە 狮子座
تۇغۇلغان كۈنى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كەلگەنلەر .ئېچىلمىغان يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە 处女座
تۇغۇلغان كۈنى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كەلگەنلەر ،مىزان يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە 天秤座
تۇغۇلغان كۈنى 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغراكەلگەنلەر ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە ،天蝎座
تۇغۇلغان كۈنى 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كەلگەنلەر مەرگەن يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە 射手座
تۇغۇلغان كۈنى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كەلگەنلەر كاپرىكورنۇس يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە ،摩羯座
تۇغۇلغان كۈنى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كەلگەنلەر لاگېنوفورا يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە ،水瓶座
تۇغۇلغان كۈنى 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن ،3-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كەلگەنلەر ھوت يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە 双鱼座
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved