ئۈزۈندە: "مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن MH370 ئايروپىلانى ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئامېرىكا – تايلاند ھەربىي مانېۋرىدا ئىھتىياتسىزلىقتىن خاتا ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىلگەن".
ئامېرىكا مۇخبىرى ناجەر.كاۋسىرون يازغان "MH370 نىڭ سىرى" ناملىق يېڭى كىتاب ھەرقايسى دۆلەتلەردە بۈگۈندىن ئىتىبارەن سېتىلىشقا باشلىدى.
ئاپتور مەزكۇر كىتابتا مەنبەسى نائېنىق بىر ئۇچۇرنى نەقىل قىلىپ"MH370 جەنۇبى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئامېرىكا – تايلاند ھەربىيي مانېۋرىدا ئىھتىياتسىزلىقتىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ۋە يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننى ئىزدىگۈچىلەرنى قەستەن خاتا يۆنىلىشكە باشلاپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يۇشۇرغان" دەپ يازغان.
ئەنگىلىيە "كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى" "بۇ كىتاب MH370 ئايروپىلانىدا كىلىشمەسلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ يېڭى تەنقىدلىرىگە نائىل بولىدۇ، ئىسپاتلار يېتەرلىك ئەمەس، پۈتۈنلەي قۇرۇق تەسەۋۋۇرغا تايانغان" دەپ كۆرسەتتى.
ئەنگىلىيە"كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" بۇ كىتابنى " يوقاپ كەتكەن مالايسىيا ئايروپىلانى ھەققىدىكى تۇنجى كىتاب" دېدى. يازغۇچى كاۋسىرون كىتابىدا: "3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، يەنى MH370 ھادىسىگە يولۇققان ۋاقىتتا، تايلاند قولتۇقى نېفىت بۇرمىلاش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئىشچى ئوت كەتكەن بىر ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگەن. يەنە كېلىپ، ۋەقە يۈزبەرگەن شۇ ئورۇندا كۆپ دۆلەت قاتنىشىشدىكى تايلاند – ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋرى ئۆتكۈزىلىۋاتقان، بۇ قېتىمقى مانېۋردا يەنە راست بومبا پارتىلىتىش مەشىقىمۇ ئېلىپ بېرىلغان" دەپ يازغان.
كىتابتا يەنە" MH370ئايروپىلاننى ئىھتىياتسىزلىقتىن ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەندىن كېيىن بۇ ئىشقا چېتىشلىق دۆلەتلەر دەرھال قۇتقۇزۇش ئەتىرىتى تەشكىللەپ، خاتا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئىزدەش دائىرىسىنى قەستەن باشقا نوقتىغا بۇراپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يۇشۇرغان" دەپ قەيىت قىلىنغان.
ئەلۋەتتە، جەنۇبى دېڭزدىن شۇنچە ئىزدەپمۇ ئايروپىلان قالدۇق قىسملىرى تېپىلمىغاچقا يۇقىرىقى بايانلار تېخىمۇ گۇمانلىق. "كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى" كاۋسىروننىڭ ھازىر ئەنگىلىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭ دائىم تېلېۋىزىيە پىروگراممىلرىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ، ھازىرغىچە 150 پارچىدىن ئارتۇق تارىخ، مەدەنىيەتكە دائىر كىتابلارنى يازغانلىقىنى ، ئەمما بەزى كىتابلىرىدا ئىسپاتلار يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن كۆپ قىتىم تالاش – تارتىشلارغا سەۋەب بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مالايسىيا ئايروپىلانى يوقاپ كەتكەندە بەزى كىشىلەر ئايروپىلاننى ئامېرىكا تەرەپنىڭ خاتا ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەنلىكى ياكى بۇلانغانلىقىدەك تەھلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق يېتەرلىك پاكىت كۆرسىتەلمىگەن. نۆۋەتتە جەنۇبى ھىندى ئوكياندىكى قالدۇق ئىزدەش نەتىجىسىدە ئايروپىلانغا دائىر ھېچقانداق گۇمانلىق جىسىم ياكى قارا قۇتا بايقالمىغان.
كاۋسىروننىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇندىن كېيىن MH370 نىڭ قارا قۇتىسىنى تاپقان تەقدىردىمۇ ساختا بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن، چۈنكى بۇ ئىشقا چىتىشلىق دۆلەتلەر پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved