چەت - ياقا، ئاساسىي قاتلامغا قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىغا بولغان تەلەپ چۈشۈرۈلسە بولىدۇ

     ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا بىرلىشىپ تارقاتقان« جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»دە كۆرستىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن يەرلىك ساقچى قوبۇل قىلىشنى ئۆلكە، ئـاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك قاتارلىق بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىر تۇتاش ئېلىپ بارىدىكەن، شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئورۇن ساقچى قوبۇل قىلسا بولمايدىكەن.

     «پىكىر»دە 3 يىلدىن 5 يىلغىچە تۈرگە ئېنىق ئايرىلغان، ھوقۇق-جاۋابكارلىقى ئايدىڭ، مەزمۇنى ئىلمىي، تەرتىپى قېلىپلاشقان، مۇكەممەل، ئاددىي، ئۈنۈملۈك بولغان ساقچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى تۈزۈمى سېستىمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى.

دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ساقچى قوبۇل قىلىش ھوقۇق دائىرىسىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا دەرىجىگە ئايرىپ تەشكىللەشتىن ئۆلچەملىك بىر تۇتاش ئۆزگەرتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: ساقچى قوبۇل قىلىشتا ئۆلكە، رايون، شەھەرنى بىرلىك قىلىپ، بىر تۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ساقچى قوبۇل قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ « كىرىش » ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى ساقچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ نوپۇزى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق. ئىگىلىنىشىچە، ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش ساقچى قوبۇل قىلش ئىمتىھانىنى« 4 - دەرىجىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئىمتىھان»غا كىرگۈزۈسە ياكى مەخسۇس تەشكىللىسىمۇ بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ساقچى قوبۇل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەركەز قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنىڭ مۇنتىزىملىشىش، ئىختىساسلىشىش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر ئىكەن. ئۈچ ئورۇننىڭ تەلىپى بويىچە ئاشكارە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن. جايلاردا يىللىق ساقچى قوبۇل قىلىش پىلانى، خىزمەت لايىھىسى، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئېلانى ۋە قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ۋە ج خ مىنىستىرلىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىدىكەن. تۆمۈر يول، قاتناش، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى، ئورمانچىلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى، تاموژنا قاتارلىق ئورۇنلارغا ساقچى قوبۇل قىلغاندا مۇشۇ پىكردىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
26-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
Powered by Leglek