يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، Unflod دەپ ئاتالغان بىر يامان نيەتلىك دىتال خالىغانچە ھۇجۇم قىلىپ ، تامدىن سەكرەپ باققان IOS ئۈسكۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە خەتەر پەيدا قىلدى. داڭلىق ئىجتىمائي تور بىكەت Rdditنىڭ بىر ئابۇنتىنىڭ مەلۇم قىلشىچە، ئۇنىڭ iPhone دىكى كۆپلىگەن پروگىراممىلار ۋەيران بولغان، ئۇ ئامالسىز MobileSubstrateنى چەكلىگەندىن كىيىن يۇقىتىپ چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەسلىدىكى بۇزغۇنچى Unflod.dylib نى تېپىپ چىققان.
يەنە بىر REDDIT ئابۇنتى بىلەن گىرمانىيە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى Unflod.dylib قا قارىتا ئانالىز ئېلىپ بارغاندىن كىيىن Unflod.dylib دا يامان نىيەتلىك دىتالنىڭ ھەممە خۇسۇسىيتى مۇكەممەل دەپ قارىغان، ئۇلارنىڭ دىيشىچە ، بۇ دىتال سىستىمىدىكى پۈتۈن مەشغۇلات مۇساپىسىگە ھەمراھ بۇلۇپ ، سىرىتقا چىقارغان SSL ئۇلنىشلىرنىڭ ھەممىسىنى ئوغۇرلىقچە ئاڭلايدىكەن، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئابۇنىتلارنىڭ apple ID سى ۋە مەخپى نۇمۇرنى ئوغۇرلاشقا ئۇرنىدىكەن، ئاندىن ئوغۇرلىغان مەزمۇننى پۈتۈنلەي خەت نۇسخىسدا ip ئادرىسى 23.88.10.4 بولغان ئادرىسقا يوللىۋىتىدىكەن. بۇ ip ئادرىسى ئامرىكا لاسۋىگاس ئەتراپىنىڭ بۇلۇپ ، ئەمما چىكىپ ئاچقاندىن كىيىن پۈتۈنلەي خەنچە تور بەت كۆرنىدىكەن.
گەرچە Unflod.dylib نىڭ كىلىش مەنبەسى تېخى ئېنىق بولمىغان بولسىمۇ ، ئەمما يۇقۇملىنىشقا ئۇچراشنىڭ بەزى يوللىىرى بولسا بىر قىسىم ساختا دىتال تەمىنلەش مەنبەسىدىن كىلدىكەن.
IOSئۈسكۈنلىرى يۇقۇملاندىمۇ يوق بۇنى ifile نى ئىشىلتىپ تەكشۈرگىلى بۇلدىكەن :
/Library/MobileSubstrate/DynamicLibraries/ دا Unflod.dylib بارمۇ يوق شۇنىڭغا قارسىلا بۇلدىغان بۇلۇپ، ئەگەر بولسا Unflod.dylib نى بىۋاستە يۇيۋەتسە بۇلدىكەن. لىكىن Unflod.dylib باشقا يامان نىيەتلىك دىتاللارنى قاچلىغان بۇلشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن IOS ئۈسكۈنلىرنىڭ سىستىما بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەسلى دىتال ھالتىگە قايتۇرۇپ ، apple ID مەخپىي نۇمۇرنى ئۆزگەرتىۋىتىش تەكلىپى بىرلدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved