ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى قورالى


داخې تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى شۇ جاي ۋاقتى 5-دېكابىر ئاسمانغا كۆتۈرلۈپ تۆت يېرىم سائەتچە ئادەمسىز سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇشنى تاماملاپ ئاخىرى تىنىچ ئوكياندىكى بېكىتىلگەن دېڭىز تەۋەسىگە كىردى .ئادەملىك كېمە ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ئالەم ئايروپىلاندىن كېيىنكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قورالى ھېسابلىنىدۇ .كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئىنسانلارنى مارسقا توشۇشى مۇمكىن .


ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىش ئېكرانىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكا شەرق ۋاقتى 5-دېكابىر سائەت 7:05 ئۆتكەندە يەنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:05 ئۆتكەندە ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئەڭ كۈچلۈك دېلتا تۆت ئېغىر تىپتىكى راكىتاسىغا ئوت يېقىلىپ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئولتۇرمىغان ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى فلورا شتاتىنىڭ كىلوندىيە ئالەم قاتنىشى مەركىزىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن . تەخمىنەن تۆت سائەتتىن كېيىن ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى كالىفورنىيە دېڭىز قىرغىقىنىڭ غەربىدىكى تىنىچ ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشتى .


بۇ قېتىملىق قۇيۇپ بېرىش مەشغۇلاتى ئەسلى 4-دېكابىر ئىشلەنمەكچى ئىدى ،ئەمما بىر كېمە ئويلىمىغان يەردىن راكىتا قۇيۇپ بېرىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ قالغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە شامال كۈچى بەك چوڭ يەنى كېلىپ راكېتانىڭ مەلۇم بىر ياردەمچى ئىتتىرگۈچى كلاپانى نورمال ئىشلىمەسلىكتەك بىر قاتار مەسىلە تۈپەيلىدىن راكىتا قۇيۇپ بېرىش ۋاقتى 24سائەت كېچىكتۈرۈلدى .بۇ قېتىمقى سىناق ئۇچۇشقا سەرپ قىلىنغان مەبلەغ 3 مىليارد يەتتە يۈز مىليون دوللارغا يېتىدۇ .سانلىق مەلۇمات خاتىرىلەشكە 1200 ئاۋاز ئالغۇچى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ ئادەمسىز ئالەم كېمىسىنىڭ ئىسسىقلىق ئايرىش پاراشوت ۋە باشقا سىستېمىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مۆلچەرلىنىدۇ .

 

بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىكى ئۇچۇشقا گەرچە ئادەم سەپلەنمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئالەم كېمىنىڭ ئىچىگە بىر قىسىم خاتىرە بۇيۇملار قاچىلانغان .مەسلەن بىر مىليون ئادەمدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىسمى خاتىرلەنگەن مىكرو ئۆزەك ئاي شارى تۇپرىقىىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكە قاتارلىقلار .ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ كېلەر قېتىملىق ئۇچۇشى 2018-يىلىغا بېكىتىلدى .تۇنجى قېتىملىق ئادەم ئولتۇرغان ئالەم كېمىسى بولسا 2021-يىلى ئالەمگە قۇيۇپ بېرىلىدۇ .ئارقىدىن بۇ ئادەملىك كېمە ئاي شارىدىن ھالقىپ ئالدى بىلەن كىچىك سەييارىگە قونىدۇ ،ئاخىرىدا مارسقا ئۇچىدۇ ،ئەمما بۇ ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 2030-يىللىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن .


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
 

 



خەتكۈچلەر:
08-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek