جۇڭگۈەنسۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئاپېلسىن چۈچۈمەل ، تاتلىق ئىككى خىل بولىدۇ. چۈچۈمەل ئاپېلسىننىڭ تەمى چۈچۈمەلرەك ئاچچىق بولۇپ، ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق ئەمەس، تاتلىق ئاپېلسىننىڭ بولسا رەڭگى ئوچۇق، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، سىرىتقى كۆرۈنۈشى تەكشى چىرايلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرشكەن مېۋىدۇر.
ئوزۇقلۇق تەركىبىي ۋە رولى:ئاپېلسىن تەركىبىدە ۋىتامىنC، ۋىتامىنA، ۋىتامىنB1ۋىتامىنB2،ۋىتامىنB6ھەمدە ماگنىي، سىنىك، كالتىسىي، تۆمۈر،فوسفور، كالىي قاتارلىق مىنىېرال ماددىلار بار.ئاپېلسىن قىل قان تومۇرلارنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىدۇ، قاندىكى ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە ەىرىپتار بولغانلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
ئاپېلسىن تېرىنىڭ نەمخۇشلۇقىنى ساقلايدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، تارقىلشچان زۇكام، سوغۇق تېگىش قاتارلىق كېسەللەرنى يېقىن يولاتمايدۇ.دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ئاپېلسىن يەپ بەرگەندە، ئورگانىزىمنىڭ دورىنى شۈمۈرۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۇرىدۇ .ئاپېلسىننىڭ پۇرىقى كىشلەرنىڭ روھىي بېسىمنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، ئەمما ئۇ پەقەت ئاياللارنىڭلا جىددى كەيپىياتىنى تۈگىتىش، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئەرلەرگە بولغان رولى چوڭ ئەمەس .ئاپېلسىن چوڭ مېڭىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، ئۇنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ، دىققەتنى مەركەزلەشتۇرۇشكەياردەم بېرىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىدۇ. كىچىك بالىلار ئاپېلسىن يەپ بەرسە ، ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، بويىنى ئۆستۈرىدۇ. ئاياللار ئاپېلسىن يەپ بەرسە، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولۇپ، قورۇقنى ئازايتىدۇ.ئاپېلسىن يەنە ئۆت كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە جىگەر كېسلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ.
ئاپېلسىننىڭ شۆپۈكىنى ئاشقازان ئىقتىدارىنى ياخشىلاش دورىسى، خۇش پۇراق تەم خۇرۇجى قىلىپ ئىشلىتىكە بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلۋېلىقا تېگىشلىك ئىشلارئاپېلسىننى ھۆل پىتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ ، شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئەمما پاقات ئاپېلسىن شەربىتىنىلا ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭ سالامەتلىكنى ساقلاش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، ئەڭ ياخشىسى ھۆل ئاپېلسىن ئىستېمال قىلىش لازىم .ئاپېلسىن يېيىشنىڭ ئالدى كەينىدە بىر سائەت ئىچىدە سۈت ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل مېۋە كسلاتاسى بىلەن ئۇچراشقاندا قېتىۋېلىپ، ھەزىم قىلىشنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ.قالقانسىمان بەزنىڭ ئىششىپ قىلشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاپېلسىننى تۇرۇپ(لوبۇ) بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.ئاپېلسىننى تاماقتىن بۇرۇن ياكى ئاچ قورساق چاغدا يېمەسلىك لازىم، بولمىسا ئاپېلسىن تەركىبىدىكى ئورگانىك كسلاتا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ، بۇ ئاشقازان ئۈچۈن پايدىسىز .
ئاپېلسىن شۆپۈكىدە چاي دەملەپ ئىچمەسلىك كېرەك، چۈكى ئاپېلسىن شۆپۈكىدە ئادەتتە يېڭى پىتى ساقلاش دورىسى بولىدۇ، ئۇنى سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش ناھايىتى تەس.ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان ياشانغانلار ئاپېلىسىن ئىستېمال قىلغاندا قورساق ئاغرىش، بەل تېلىپ ئاغرىش، پۇت ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن. مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم.ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما بەك كۆپ يېمەسلىك، ئاپېلسىن يەپ بولغاندىن كېيىن، ئېغىز بوشلۇقى، چىشقا زىيان يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا چىشنى چوتكىلاش، ئېغىزنى چايقاش لازىم.سېسىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن ئاپېلسىننى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ,ئاپېلسىن شۆپۈكىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ياستۇققا سېلىپ ئىشلەتسە، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىشقا قارىتا داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ.
ئاپېلسىن چۈچۈمەل تاتلىق ھەم يېيىشلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئاشقازاننى ئىللىتىپ سۈيدۈك راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ بەلغەم بوشىتىش ئۈنىمىگە ئىگە. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپېلسىن يېسە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. جۇڭگو تىبابىتى قارىشىچە، ئاپېلسىننىڭ ئېتى، پوستى، تالاسى، مېغىزى، يوپۇرمىقىنىڭ ھەممىسى جۇڭيى دورىسى ئىكەن. ئەمما، ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ پەرھىز قىلىدىغان ئىشلار بار. شۇڭا، كىشىلەر ئاپېلسىن يېگەندە پەرھىز تۇتىدىغان جايلىرىغا دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسراپ كېسەل بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئاپېلسىننىڭ تەركىبىدە مول ۋىتامىن C ۋە لىمون كىسلاتاسى بار، ۋىتامىن C نىڭ چارچاشنى يوقىتىش رولى بار، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ ھەمدە خولىتسىرىننى تۆۋەنلىتىدۇ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دائىم يەپ بەرسە ساغلاملىققا پايدىلىق بولغاندىن سىرت، ياشلىق باھارىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قالالايدۇ.
بىرىنچى پەرھىز: مەنپىيلىكى زەئىپلەشكۈچىلەر ئاز يېيىشى كېرەك.ئاپېلسىننىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، كۆپ يېسە ئاسانلا ئىسسىغى ئېشىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ مەنپىيلىكى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلەر ئەڭ ياخشىسى ئاز يېيىشى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا تىلىغا ئۇچۇق چىقىش، ئېغىزى قۇرۇش، گېلى قۇرۇپ ئاغرىش، چوڭ تەرەت تۇتۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.ئىككىنچى پەرھىز: تاماقتىن ئىلگىرى ياكى ئاچ قورساق يېمەسلىك,ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ، دائىم يەپ بېرىش ئەمما بىراقلا كۆپ يەپ تاشلىماسلىق كېرەك، ئاچ قورساق يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئاپېلسىندا بەلگىلىك مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا بولغاچقا، ئاسانلا ئاشقازاننىڭ يېپىشقاق پەردىسىنى غىدىقلاپ قويىدۇ.ئۈچۈنچى پەرھىز: سەۋزە بىلەن بىرگە يېمەسلىك كېرەك,سەۋزە ئادەم تېنىگە كىرگەندىن كېيىن، تېزلىكتە بىر خىل سولفات كىسلاتالىق تۇز ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق تېزلا قالقانسىمان بەزگە قارشى بىر خىل ماددا-تىئوسىئانىك كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا ئاپېلسىن يېگەندە، ئاپېلسىندىكى فلاۋون تۈرىدىكى ماددا ئۈچەيدە پارچىلىنىپ، گىدروكسى-بېنزوئىك كىسلاتا ۋە فرۇلىك كىسلاتاغا ئايلىنىدۇ، بۇ ماددىلار تىئوسىئانىك كىسلاتانىڭ قالقانسىمان بەزنى چەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.تۆتىنچى پەرھىز: سۈت بىلەن بىرگە يېمەسلىك كېرەك,سۈتتىكى ئاقسىل ئاپېلسىندىكى مېۋە كىسلاتا ۋە ۋىتامىن C بىلەن ئاسانلا رېئاكسىيەلىشىپ ئۇيۇتما ھاسىل قىلىدۇ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئاپېلسىن يېيىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى بىر سائەت ئىچىدە سۈت ئىچمەسلىك كېرەك.
ئاپلىسىن ۋە ئاپلىسىن شەربىتى تەركىبىدە ھەزىم قىلىش سېستىمىلىرىنى غىدىقلىغۇچى ئېلىمىنىت بولۇپ ،بوۋاقىنىڭ كەيپىياتىدا تىت –تىت بولۇش ،ياندۇرۇش ھەتتا ئېغىر بولغاندا بوۋاققا ئەسۋەچېقىپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولىشى مۇمكىن .ناۋادا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانا ۋېتامىن C تولۇقلاشقا ئېھتىياجى بولسا كۇلى بېھىسى،ئەنبەھ قاتارلىق تەركىبىدە ۋېتامىن C بار مېۋىلەر بىلەن تولۇقلىسا بولىدۇ .ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلارغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان مېۋىلەر بولسا ئۈزۈم ،ئالما ،ئۈرۈك ،ئاناناس قاتارلىقلار .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved