بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت 1:30 ئۆتكەندە، 2015-يىللىق خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى سيۇرىخدا ئۆتكۈزۈلدى. بارسىلونانىڭ داڭدار توپچىسى مىسسى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن نېيمارنى بېسىپ چۈشۈپ، 2015-يىللىق «ئالتۇن توپ مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن سىرت، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بارسىلونا ۋە خان مادرىتتىن 4 دىن، بايرىن مۇنىخىي، يۇۋىنتۇس، پارىژ سان گېرمان قاتارلىق كۇلۇبلاردىن 1 دىن پۇتبولچى بۇ سەپ شەكلىگە تاللىنالىغان.
بۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاشقا دۇنيا كەسپىي پۇتبولچىلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى تەخمىنەن 52 مىڭ ئەزا قاتناشقان بولۇپ، 4-3-3 سەپ شەكلى ئاساس قىلىنىپ بېلەت تاشلانغان.
داڭلىق پۇتبولچى، «قاپلان» ئېتو بۇ 11 نەپەر مۇنەۋۋەر توپچىغا مۇكاپات تارقاتتى. يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 نەپەر پۇتبولچى تۆۋەندىگىچە:
نويىر/ مارسىلو، راموس، دىياگو سىلۋا، دانى ئارۋىس/ مودرىچ، پوگبا، ئىنىستا/ مىسسى، كىرىستىيانو رونالدو، نېيمار.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved