ئەنگلىيەدىكى بىر باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان 20 ياشلىق قىز ھەشەمەتچىلىككە بېرىلىپ قالماستىن دائىم ئىجتىمائىي ئالاقىدا تورىدا تەنناز سۈرەتلىرىنى چىقارغانلىقى ئۈچۈن توردىكى مودا شەخسىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان. يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ ھەر ئايدا 15 مىڭ فوندستېرلىڭ خەجلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ناھايىتى ساددا ھالدا ئەنگلىيەلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ پۇلى بار دەپ قارىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قىزنىڭ ئىسمى لانا سكولارو ئىكەن، ئۇ تېخى ئوقۇغۇچى، لېكىن ھەركۈنى ناھايىتى ھەشەمەتچىلىكتە ئۆتىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ساناقسىز داڭلىق ماركىدىكى سومكىسى بارلىقىنى، دائىم ئولتۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى، شەخسىي ئايروپىلان، كاتېرىغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ تېخىمۇ مۇبالىغە بولغىنى لانا ھەركۈنى مۇشۇنداق ياشاپ قالماستن يەنە پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىدەك ياشايدۇ دەپ قارايدىكەن. ئۇ:«مەن ھەر ئايدا تەخمىنەن 15 مىڭ فوندستېرلىڭ خەجلەيمەن، مېنىڭچە باشقا ئەنگلىيەلىكلەرمۇ شۇنچىلىك خەجلەيدۇ» دېگەن.
ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان لانا ئۆيىدە چوقۇم قاتتىق ئەتىۋارلانسا كېرەك. ئۇ دائىم داڭلىق لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ مال سېتىۋالىدىكەن. ئوخشاش نۇسخىدىكى سومكىلارنىڭ ئوخشىمىغان رەڭدىن بار ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بىر قېتىم نەتىجىسى يامان ئەمەس بولغانلىقتىن 30 مىڭ فوندستېرلىڭلىق داڭلىق ماركىلىق سومكىغا ئېرىشىپتىكەن.
تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلانغاندىن باشقا لانا يەنە ساياھەت قىلىپ ئوينىغان سۈرەتلىرىنى دائىم تورغا چىقىرىدىكەن. ئۇ بەكلا دىققەت قوزغاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاپىسى ئۇنىڭ تورداشلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ Instagram سىنى تاقىۋەتكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved