لەگلەك تورى ئىختىيارى مۇخبىر ئۆزياش نەق مەيدان خەۋىرى
بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ سائەت 19:30 ئۆتكەندە جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 13-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە خېبېي خۇاشىيا بەخت كۇلۇبىنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 4-مىنۇتتىلا خېبېي خۇاشىيا بەخت كۇلۇبى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. خېبېي خۇاشىيا بەخت كۇلۇبى سولدىن ھۇجۇم قوزغىدى. 17-نومۇرلۇق توپچى جۇ خەيۋېي ئوتتۇرغا تاشلىدى. 11-نومۇرلۇق توپچى سوڭ ۋېنجىيې يىراق ئارىلىقتىن كاللا توپ كىرگۈزدى. خېبېي خۇاشىيا بەخت كۇلۇبى 1-0 شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى.
27-مىنۇتتا 2-نومۇرلۇق ئەرپات يارىلىنىش سەۋەبىدىن مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. ئورنىغا 30-نومۇرلۇق شاۋكەت يالقۇن چىقتى.
41-مىنۇتتا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىدىن 13-نومۇرلۇق چى يۈنفېي سېرىق كارتا ئىستىمال قىلدى.
43-مىنۇتتا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىدىن 8-نومۇرلۇق ۋاڭ كاڭ سېرىق كارتا ئىستىمال قىلدى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 68-مىنۇتتا خېبېي خۇاشىيا بەخت كۇلۇبى نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىنىڭ 3-نومۇرلۇق توپچىسى سەي شى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى، رېپىر قارشى تەرەپكە نۇقتا توپ بۇيرىدى. خېبېي خۇاشىيا بەخت كۇلۇبىدىن 10-نومۇرلۇق مىلياس نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. خېبېي خۇاشىيا بەخت كۇلۇبى 2-0 شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى.
72-مىنۇتتا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىدىن 3-نومۇرلۇق توپچى سەي شى سېرىق كارتا ئىستىمال قىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا خېبېي خۇاشىيا بەخت كۇلۇبىدىن 5-نومۇرلۇق توپچى دۇ ۋېيمۇ سېرىق كارتا ئىستىمال قىلدى.
74-مىنۇتتا خېبېي خۇا شىيا كۇلۇبىدىن 11-نومۇرلۇق توپچى سوڭ ۋېنجىيې ئوفسايد توپنى تېپىۋىتىپ سېرىق كارتا ئىستىمال قىلدى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 0-2 نەتىجە بىلەن خېبېي خۇاشىيا بەخت كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
2-ئەرپات مىجىت.
3-سەي شى.
5-جوۋ خېڭ.
6-ۋېسىنت.
8-ۋاڭ كاڭ
10-دانالاخ.
11-شۈ چىڭ.
13-چى يۈنفېي.
17-جۇ زىسېن.
20-سوڭ شىيې.
21-توڭ شىياۋشىڭ.
زاپاس ئەزالار:
12-گۇ جۈن جىيې.
14-مۇستاپا.
16-دوڭ جىيۈەن.
18-جىياڭ شېڭ.
24-ئەخمەت.
29-يەھيا.
30-شاۋكەت يالقۇن.
خېبېي خۇاشىيا بەخت كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
2-دۇ ۋېنياڭ.
5-دۇ ۋېي.
6-لو سىنۋېن.
9-رەجەپ.
10-مىلياس.
11-سوڭ ۋېنجىيې.
15-ۋاڭ چۈەن.
16-مىياۋ جۈن جىيەن.
17-جۇ خەيۋېي
19-ياڭ چېڭ.
33-خاۋ شۇاڭ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved