تۈنۈگۈن ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئوسكارنىڭ بىزگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىدىن بىشارەت بەردى. 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئوسكارنىڭ ھەر تۈرلۈك مۇكاپات نامزات تىزىملىكى ئاشكارلىنىدۇ. بۈگۈن ئاكادىمىيە رېژىسسور لىئەن، گۈيلېرمو دېل تورو، ئارتىس جون كراسىنىسكى ۋە ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە تېخنىكا ئاكادىمىيەسىنىڭ رەئىسى شېرلىي ئىساكىس بۇ قېتىم ئوسكارنىڭ 24 تۈرلۈك مۇكاپات تۈرىدىكى مۇكەممەل نامزات تىزىملىكىنى ئورتاق ئاشكارلايدۇ.
بۇ قېتىملىق ئېلان قىلىش جەريانى ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. شۇ جاي ۋاقتى 14-يانۋار سەھەر 5:30 دا، گۈيلېرمو دېل تورو لىئەن بىلەن بىرلىكتە ئەڭ نادىر ھەرىكەتلىك ئۇزۇن فىلىم، ئەڭ نادىر سۈرەتكە ئېلىش، ئەڭ نادىر كىيىم-كېچەك لاھىيەسى، ئەڭ نادىر ئىجادى ناخشا قاتارلىق ئوسكاردىكى 11 تۈرلۈك مۇكاپات تۈرى نامزاتىنى ئېلان قىلىدۇ.
كېيىن 5:38 دە، جون كراسىنىسكى ئاكادىمىيە رەئىسى شېرلىي ئىساكىس بىلەن بىرلىكتە ئەڭ نادىر فىلىم، ئەڭ مۇنەۋەر ئەر باش رولچى، ئايال باش رولچى، ئەر يانداش رولچى، ئايال يانداش رولچى ۋە ئەڭ مۇنەۋەر مونتاژ، ئەڭ نادىر چەتئەل تىل فىلىمى قاتارلىق 13 تۈرلۈك مۇھىم دەرىجىلىك چوڭ مۇكاپات نامزاتىنى ئېلان قىلىدۇ. نەق مەيدان پائالىيىتى بىۋېرلىي تېغىدىكى گولدىۋېن تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەمدە توردا ماس قەدەمدە بىۋاستە قويۇلىدۇ.
88-نۆۋەتلىك ئوسكار 2-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكشەنبە كۈنى ھوللىۋود دولبىي تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئامېرىكا ABC تېلۋىزىيەسى ماس قەدەمدە بىۋاستە تارقىتىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved