جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .« يەر شارى ئاخبارات ئاگېنىتلىقى خەۋىرى» ئامېرىكىنىڭ ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ iPhone 6 يانفونلىرىنىڭ روسىيىدىكى سېتىلىش باھاسىغا قارىتا ئۇمۇميۈزلۈك تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نۆۋەتتە 128GB لىق نۇسخىلىق iPhone 6 Plus يانفونىنىڭ روسىيىدىكى ئەڭ يېڭى سېتىلىش باھاسى 77990 رۇبلىغا يەنە خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 8664.7 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن.
ئۇنداقتا ھازىرقىدەك روسىيە رۇبلىسىنىڭ كۇرسى ھەدەپ تۆۋەنلەپ روسىيە ئىقتىسادىدا داۋالغۇش بولۇپ تۇرغان كۈندە، بۇ پۇلغا روسىيىدە زادى نىمە سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟ روسىيىدە چىقىرىلىدىغان« خەۋەرلەر گېزىتى» رەسىم قانىلىدا 12-ئاينىڭ 22-كۈنى بۇنىڭغا قارىتا رەتلەش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىر تال iPhone 6 Plus يانفونى سېتىۋالغان پۇلغا روسىيىنىڭ يېزىلىرىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغىلى بولۇشى، شۇنداقلا يەنە موسكىۋادىكى ھەشەمەتلىك رېستۇراندا ئارانلا ئىككى كىشىلىك كەچلىك تاماق يېگىلى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەسلى تېما ؛ iPhone6 يانفونىنىڭ روسىيىدىكى سېتىلىش باھاسىغا يېزىدىن بىر يۈرۈش ئۆي ئالغىلى بولىدىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved