شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىز پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق دەم ئېلىشتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈالىدۇ، شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى بايرام مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ سەپەر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى بىلەن قومۇل ئارىلىقىغا يەنە بىر جۈپ ئېلېكتىروۋۇزنى كۆپەيتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ بۇ يىللىق تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدىكى يولۇچى تىرانسىپورت مەزگىلى 19-ئىيۇندىن 22-ئىيۇنغىچە ئىكەن. بۇ مەزگىلدە شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى 290 مىڭ يولۇچىنى توشۇشنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.8 ئارتۇق. يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 22-ئىيۇندىن باشلاپ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى بىلەن قۇمۇل ئارىلىقىغا D9970/69-قېتىملىق ئېلېكتىروۋۇزدىن بىر جۈپى كۆپەيتىلىدىكەن، بۇنىڭغا 17-ئىيۇندىن باشلاپ بېلەت سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ، 19-، 20-، 21-، 22-ئىيۇن كۈنلىرى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن خوتەنگە بارىدىغان 7562/3-قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن ئالاتاۋ ئېغىزىغا بارىدىغان 5801-قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قورغاسقا بارىدىغان 5815-قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدىن بېيتۇن شەھىرىگە بارىدىغان K9791-قېتىملىق پويىزلارنىڭ ھەر بىرىگە قاتتىق كارىۋاتلىق يەنە بىر ۋاگون ئۇلىنىدىكەن، تۆت كۈندە جەمئىي 24 ۋاگون ئۇلىنىپ، يولۇچى تىرانسىپورتىغا كۈچ قوشىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved