«يىپەك يولى ساداسى» يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەرجىمھالى: ئەركىن ئابدۇللا
04-11-2014
0
2483
يازغۇچى: ئۆزياش
مەنبە: بەيدۇ تورى
thumb

ئەركىن ئابدۇللا

كەسپى: ناخشىچى

رايون:قەشقەر

تۇغۇلغان ۋاقتى:1978-2-15

يۇلتۇز تۈركۈمى:قوش يۇلتۇز

قان تىپى:O تىپلىق

بوي ئىگىزلىكى:180سانتىمىتىر

 

ئەركىننىڭ سەنئەت ھاياتى ئەركىن(ئۇيغۇر) شىنجاڭ قەشقەردە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپ گىتار چېلىشقا ھەۋەس قىلغان. 1999يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن, سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى تۈپەيلى كەسپىي سەنئەت يولىغا قەدەم قويغان ھەمدە ئەركىن مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. ھازىر جۇڭگو فىلامىنكو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. 

 

ئەركىننىڭ مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى ئەنئەنىۋى مۇزىكىنىڭ ئاددىي تەكرارلىنىشى ئەمەس بەلكى, مىللىي مۇزىكا ئاساسىدا يېڭىلاشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى زامانىۋىلىققا ۋە مىللىي پۇراققا ھەم خەلقئارالىق پۇراققا ئېگە. ئەركىننىڭ سەھنە ئۇسلۇبى ھەرخىل. زامانىۋىلىققا ئېتىبار بېرىپ, ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. 

 

2002-يىلى ئەركىن ئىجادىيەتچى ناخشىچى سۈپىتىدە ياپونىيە فۇشى(fu Ji) تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ, 7-قېتىملىق چېمپىيون بولغان ھەمدە يىللىق باش چېمپىيون بولغان. جۇڭگو-ياپونىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ, ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. 

 

2002-يىلنىڭ ئاخىرى نەننىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن <<خەلقئارا خەلق مۇزىكىلىرى بايرىمى>> غا قاتنىشىپ <<قۇملۇقتىن ھالقىغان دولان >> ناملىق ناخشىسى بىلەن خاسلىق مۇكاپاتىغا, <<ئوردام-دولان >> ناملىق ناخشىسى بىلەن خەلق ناخشىسى ماھىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

 

2003-يىلى ئاپىرىل, ئەركىن ۋە ئۇنىڭ ئانسامبىلى بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتىغا بېرىپ شىنجاڭ مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشكە ئىئانە توپلاش يۈزىسىدىن ئويۇن قويغان,  

 

2003-يىلى ئۆكتەبىردە , جۇڭگو مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان دۆلەت مۇزىكا ئاۋازى مۇسابىقىسىدە, ئاممىباب ئۇسلۇب بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. 

 

2003-يىلى نويابىردا ئەركىننىڭ <<ئۇيغۇر قىزى >> ناملىق ئىجادىيىتى نەننىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا خەلق مۇزىكىلىرى سەنئەت بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئون ئىجادىيەتنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 

 

2003-يىلى نويابىردا ئەركىننىڭ <<ئۆلگۈدەك كۆيدۈم >> ناملىق ئىجادىيىتى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-قېتىملىق ئاسىيا مۇزىكا بايرىمىدا جېن مېيى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. 

 

2004-يىلى ئەركىن چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە <<ئالمىخان >> ناملىق ناخشىنى ئېيتقان . 

 

2004-يىلى يانۋاردا, ئەركىن ئۆزىنىڭ ئىككىنچى پلاستىنكىسى <<مىڭ بىر كېچە>> نى نەشر قىلدۇرغان. 

 

2004-ئاپرېلدا ئەركىن <<ئەركىن, گىتار شاھزادىسى>> ناملىق vcdپلاستىنكىسىنى شىنجاڭدا نەشر قىلدۇرغان. 

 

2004-يىل ئىيۇندا <<ئەركىن مۇزىكا ئەسەرلىرى توپلىمى >> نى نەشر قىلدۇرغان. 

 

2004-يىلى ئىيۇندا ئەركىن شىنجاڭنى ئايلىنىپ <<تەڭرىتاغ نۇرى>> ناملىق ئىجادىيەت سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن . 

 

2004-يىلى ئىيۇلدا ئەركىنگە قەشقەر ياشلىرىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى دېگەن نام بېرىلگەن. 

 

2004-يىلى ئاۋغۇستتا ئەركىن تۇرپاندا سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. 

 

2004-يىلى سېنتەبىردە, <<گىتار شاھزادىسى ئەركىن>> ناملىق vcd dvdپلاستىنكىسى جۇڭگودا كەڭ كۆلەمدە بازارغا سېلىنغان. 

 

2004-يىلى نويابىردا ئەركىن شىنجاڭدا ئۆتكۈزگەن<<قۇياشقا يېقىن كىشىلەر >> ناملىق سەنئەت كېچىلىكى vcdپلاستىنكىسى بولۇپ بازارغا سېلىنغان. 

 

2005-يىلى ئەركىن <<چۈمبىلىڭنى ئېلىۋەت >> ناملىق ناخشىسى بىلەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان.چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان. 

 

2005-يىل 8-ئايدا ئەركىن 3-پلاستىنكىسى <<شەھەر كېچىسى >> نى چىقارغان. 

 

2006-يىللىق مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان چاغانلىق كېچىلىكتە ئەركىن <<تۇتاي ساڭا ئەتىرگۈل >> ناملىق ناخشىسىنى ئېيتقان. 

 

2006-يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئەركىننىڭ << نېمە بولدى >> ناملىق ياخشىسى ئەڭ ياخشى سەنئەت ئەسىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. (شۇندىن تارتىپ ئۇدا 4 يىل قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان ) 

 

2006-يىل 5-ئايدا ئەركىننىڭ ئانا تىلىدىكى پلاستىنكىسى<<دۆڭكۆۋرۈكنىڭ ھېكايىسى >> نەشر قىلىنغان. 

 

2007-يىلى 1-ئايدا ئەركىننىڭ 5-پلاستىنكىسى <<ئەركىننىڭ مەھەللىسى>> تارقىتىلغان. 

 

 

ئەركىننىڭ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى ئاساسلىق ئېيتقان ناخشىلىرى:

 

2004-يىلى <<بېجىڭدىكى شىنجاڭلىق قىز >> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاساسلىق 7 ناخشىسىنى ئىجاد قىلغان ھەم ئېيتقان . 

 

2005-يىلى 5-ئايدا ئەركىن <<قەشقەردىكى ياشلارنىڭ ئوبراز ئەلچىسى >> بولۇش سۈپىتى بىلەن, شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقىغا ئاتالغان مەخسۇس فىلىم <<قېرىنداشلار>> نىڭ پۈتكۈل مۇزىكىسىنى ھەمدە ئاساسلىق مۇزىكىسى بولغان <<قەشقەر>>, << قىرغاق >> قاتارلىقلارنى ئىشلىگەن . 

 

2005-يىلى <<تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى >> نىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئىشلىگەن. 

 

زىيارەت قىلغان ئەللىرى : 

 

ئاۋستىرىيە, ئارگېنتىنا, ياپونىيە, كورېيە, قازاقىستان, سىنگاپور, فىلىپپىن...قاتارلىقلار .



خەتكۈچلەر:
04-11-2014
0
2483
يازغۇچى: ئۆزياش
مەنبە: بەيدۇ تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
15-03-2015
0
519
thumb
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى   ( مۇخبىر دىڭ جىيېنەن، پىراكتىكانت مۇخبىر خۇاڭ لىلى خەۋەر قىلىدۇ.) شىنجاڭ ئاقسۇلۇق ياش قاھار بەسىر جېجىياڭ جىنخۇادا ئىگىلىك تىكلىگىلى 7 يىل بولدى. ھازىر ئۇ ئۆز قۇرغان بالىلار ئېنگىلىز تىلى ...
15-03-2015
0
164
thumb
ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى   ھازىرقى ئاشكارىلىنىش سۈرئىتى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دەۋىردە ئالاقە تورىدىكى مەستانىلىرىنىڭ ئاز كۆپلىكى شۇ توپچىنىڭ قاچىلىك داڭلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ھالبۇكى مەستانىلەر توغ...
10-03-2015
0
637
thumb
ئۇ خارۋارت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپلا قالماي يەنە 1- ئايدا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، 2- ئايدا ئامېرىاك كالىفورنىيە شىتاتلىق بېركىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، تۈنۈگۈن خارۋارت ئۇنىۋرسىت...
10-03-2015
0
573
thumb
سەئۇدى ئەرەبىستاندا يېڭىدىن پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان سەلمان ئىبنى ئابدۇلەزىز 1935-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇنجى پادىشاھى ئابدۇلئەزىز ھۇسا سۇدايرىنىڭ 7 ئوغلىنىڭ بىرى. ئۇ دىنى ۋە ئاساسى تەربىيەنى پادىشاھلىق تەۋەسىدىكى بال...
03-03-2015
0
731
thumb
‏1951 - يىلى 8 - ئايدا تۇغۇلغان ئىنژېنېرلىقتىن كېلىپ چىققان مورسى مىسىرنىڭ خەلق سايلىغان تۇنجى زۇڭتۇڭى. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈگەن بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە، چوڭ - كىچىك قارشىلىق بىلدۈرۈش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى 9000 قېتىمدىن ئارتۇق يۈز بېرىپ...
03-03-2015
0
353
thumb
‏2013 - يىللىق ئەڭ داڭدار چەتئەل سىياسىي بولۇشقا مۇناسىپ كىشى رۇسىيە زۇڭتۇڭ پۇتىن بولسا كېرەك. 2013 - يىلى 12 - ئايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما سۇرىيە خىمىيەلىك قورال ئەشەتتى دېگەن باھانى بىلەن سۈرىيەگە قۇرال كۈچى ئىشلىتىدىغانلىقى توغرى...
03-03-2015
0
236
thumb
دۇنيادىكى تۇنجى ئايال باش مىنىستىر - بانداراناك خانىم1960 - يىلى سىرىماۋ بانداراناك سىرىلانكىنىڭ چوڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، باش مىنىستىر، قۇشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دۇنيادىكى تۇنجى ئايال با...
02-03-2015
0
598
thumb
‏سىنۇۋدېن‏1983 - يىلى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شىتاتى،ئىلزابىت شەھىرىدە تۇغۇلغان.‏ئائىلىسى تۇرۇپمۇ قايتالماسلىق ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۇرىدۇ، ھازىر رۇسىيەدە تۇرۋاتقان ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىن...
02-03-2015
0
724
thumb
گېرمانىيە ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرسىتىلىشچە، 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي گېرمانىيە قالدۇق ئەسكەلىرى مەقسەتلىك ھالدا <<جەمئىيەتشۇناسلار>>دەپ ئاتىۋالغان ئوڭ قانات كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈشكە باشلىغان. بۇ چاغدا قىسىمدا ۋ...
02-03-2015
0
323
thumb
جاھان ئاگېنتلىقى 1-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ پىشقەدەم ئ‍ۇستازى ياشار كامال 92 يېشىدا ۋاپات بولدى. ياشار كامال بىر مەزگىلدىن بۇيان دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان، يازغۇچى ياشار كامال دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا يەرلى...
Powered by Leglek