خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانى ۋە ئايروپىلان باشلىقى

گېرمانىيىنىڭ A320 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش بۆلمىسىنىڭ ئىشىكىنى بۆلمە ئىچىدىكى ئۇچقۇچى قۇلۇپلاپ قويسا بولىدۇ، بۇ ئۇچقۇچىنىڭ بۆلمە ئىچىدىكى بىرسىنىڭ قۇلۇپلاپ قويۇشى سەۋەبىدىن سىرتتا قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
فرانسىيە مەمۇرىي تەپتىش تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى 26-مارت مۇنۇلارنى جاكارلىدى: گېرمانىيىنىڭ A320 يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەندە ئايروپىلاننى ياردەمچى ئۇچقۇچى ھەيدىگەن، ئۇ ئۇچۇش بۆلمىسىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان ئايروپىلان باشلىقىنىڭ قايتىپ كىرىشىنى رەت قىلغان. ئۇنداقدا بۇ ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ قۇلۇپىنى قانداق تىزگىنلىگىلى بولىدۇ؟ بۇ ئىشىكنى قانداق ئاچقىلى بولىدۇ؟ ئەگەر ئۇچقۇچى ئۇشتۇمتۇت ئېسىنى يوقاتسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ئېھتىياجى ھەمدە ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەر شارىدىكى بارلىق خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش بۆلمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇستەھكەملەندى. بۆلمە ئىشىكىگە ئوقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماتېرىيالى ئىشلىتىلىپلا قالماستىن يەنە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇچۇش بۆلمىسىنىڭ سىرتىدا زوراۋانلىق بىلەن بۆلمە ئىشىكىنى بۇزۇش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك بولدى.
ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ 2002-يىلى ئېلان قىلغان سىن ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە،ئۇچۇش بۆلمىسىنىڭ ئىشىكى قۇلۇپلۇق ھالەتتە بولسا، بۆلمە سىرتىدىكى ئايروپىلان خادىمى بۆلمە ئىشىكى شىفىرىنى بېسىپ ئاياغلاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بۆلمە ئىچىدىكى ئۇچقۇچىدىن بۆلمىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، بۆلمە ئىچىدە سېكۇنتلۇق غۇڭۇلدىغان ئاۋاز چىقىدۇ. مەشغۇلات سۇپىسىدىكى ئىشىكنى ئېچىش كۆرسەتمە چىرىقىمۇ يانىدۇ. ئەگەر ئۇچقۇچى 30 سېكۇنت ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرالمىسا ، بۆلمە ئىشىكى ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ.

 

مۇبادا ئۇچقۇچى ئىلتىماسنى رەت قىلسا،ئېشىك ئېچىلماي بۆلمە ئىشىكى قۇلۇپلۇق ھالەتتە تۇرىدۇ. ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمى مۇنداق دېدى: ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇش بۆلمىسىنى قوغداش بەلگىلىمىسى ئىنتايىن قاتتىق، ئۇچۇش بۆلمىسىدە بىر خادىم بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە بولمايدۇ.
بۇ خىزمەتچى خادىم مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئۇچۇش بۆلمىسىدە بىر ئادەم بولۇش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئالدىن قوللىنىدۇ. ئىككى ئۇچقۇچى ئايروپىلاننى ھەيدەۋاتقان ئەھۋالدا مەيلى ياردەمچى ئۇچقۇچى ياكى ئايروپىلان باشلىقى بولسۇن، ئەگەر بىرسى ئۇچۇش بۆلمىسىدىن ئايرىلىدىغان بولسا، بىخەتەرلىك خادىمىدىن باشقا بىر ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكى خادىم بۆلمىگە كىرگەندىن كېيىن ئايرىلسا بولىدۇ.
بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە قانۇنى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى جاڭ چىجۈن مۇنداق دېدى: ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۇچقۇچىلارنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلىنىشىگە مەسئۇل بولۇپلا قالماستىن، ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىشتا ئۇچقۇچىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى ۋە سىياسىي ئەھۋالىنىمۇ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك. ئادەتتە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىپادىسىمۇ تەكشۈرۈلىدۇ ۋە خاتىرىلىنىدۇ. ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئۇچقۇچىنىڭ مېخانىكىلىق ۋە يولۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ۋە سۆز ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئىگىلەيدۇ ھەمدە كونترول قىلىدۇ. ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئۇچقۇچىلارنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ، چۈنكى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا يەر يۈزىدىن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىغا ئارىلىشىشى قىيىنغا توختايدۇ.
ئەگەر ئايروپىلان ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا بەزىلەر نورمال بولمىغان ئۇچۇش ھەرىكىتىنى قوللانسا ، ئايروپىلان گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئۆز ئارا نازارەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئايروپىلان باشلىقى قاتتىق نازارەت قىلىدۇ. چۈنكى ئايروپىلان ئۇچۇۋاتقاندا ئايروپىلان باشلىقى ئايروپىلانغا مەسئۇل ئەڭ يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە. ئايروپىلان ئۇچۇپ كېتىۋاتقىنىدا ھۆكۈمەت، قانۇن، ساقچى ، دوختۇرخانا يوق. شۇڭا قانۇن ۋە كەسىپ ساھەسىدىكى بەلگىلىمىدە ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ھوقۇقى ئەڭ يۇقىرى. ئەگەر ئايروپىلان باشلىقىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش پسىخىكىسى ۋە قىلمىشى بولسا، ئۇنى تىزگىنلەش ئىنتايىن قىيىنغا توختايدۇ. چۈنكى يەر يۈزىدىن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلە بايقالغاندىن كېيىن يەر يۈزىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھەتتا ئۇرۇش ئايروپىلانى چىقىرىپ ئايروپىلاننى يەرگە قونۇشقا مەجبۇرلايدۇ، لېكىن بۇ ئامالسىز ئۇسۇل.



خەتكۈچلەر:
28-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek