شىنخۇا تورى، سانائا، 29-مارت تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 29-مارت كەچتە يەمەن چېگرىسىدىكى خۇسەي قوراللىقلىرىغا داۋاملىق ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. يەمەن ئورگانلىرى مۇنداق دېدى: 26-مارت سەھەردىن ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 100 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى.
ھۆكۈمەتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ شىنخۇا تورىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 29-مارت كەچتە خۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ پايتەخت سانائا ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تايىز ئۆلكىسىدىكى ھەربىي لاگىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
يەمەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 29-مارت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 28-مارت كەچتىكى ھاۋا ھۇجۇمدا 13 ئادەم قازا قىلدى. شۇ كۈنى يەنە يەمەن سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن، 28- مارت كەچكىچە 35 ئادەم قازا قىلدى، 88 ئادەم يارىلاندى.
سانائا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش-قونۇش يولى قاتارلىق ئەسلىھەلىرى يېقىندا ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن، ئايرودۇرۇم ئەمەلدارىنىڭ 28-مارت ئېيتىشىچە، پۇقرالار ئىشىلتىدىغان ئايروپىلان ئۇچۇش-قونۇش يولى رېمونت قىلىنىپ بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 26-نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنى 29-مارت مىسىرنىڭ شامشەيىختە يېپىلغان. بۇ نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچرىشىش يىغىنىدا ‹‹ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ›› نى باش تېما قىلغان ‹‹ شامشەيىخ خىتابنامىسى ›› ماقۇللانغان. خىتابنامىدا « ئەرەب دۆلەتلىرى نۆۋەتتىكى رايون بىخەتەرلىكى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ۋە بارغانسېرى ئۇلغىيىۋاتقان خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلدى ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىنى قوللىنىدۇ، بولۇپمۇ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا تاقابىل تۇرىدۇ » دېيىلگەن. خىتابنامىدا يەنە يەمەندىكى خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىدىن قوراللارنى تاپشۇرۇپ، پايتەخت سانائانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىپ، يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved