يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر كونسىرۋاتىپ تاراتقۇنىڭ نازارەتچىلىك بۆلۈمى «سەككىز بۇزۇق ئادەم» دىكى زوراۋانلىق كۆرۈنۈشى سانىنى سىتاتىستىكا قىلدى، ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل فىلىمنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ نازارەتچىلىك بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى :«سەككىز بۇزۇق ئادەم دەل جەمىيەتكە قارشى تىپتىكى كىشلەرگە تولغان ۋە خورلاش خاھىشىغا مايىللاشقان نۇسخىدىكى «And Then There Were Non» فىلىم، داڭلىق چولپانلار رولغا چىققان قانلىق قاتىللىق تۈرىدىكى فىلىم» دېگەن.
بۇ نازارەتچىلىك بۆلۈمىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، «سەككىز بۇرۇق ئادەم» جەمئىي 49 قېتىملىق قانلىق زوراۋانلىق كۆرۈنۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قوراللىق ئېتىش، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە بىر قىسىم ئاياللارنى ئېتىۋېتىش ۋە زوراۋانلارچە ئۇرۇش كۆرۈنىشى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى قوراللىق ئېتىش كۆرۈنىشى 32 بولۇپ، كۆپى كۆرۈنۈش تۇيغۇسى تولۇق بولغان زوراۋانلىق كۆرۈنۈشى. مەسخىرىلىك بولغىنى، رېژىسسور كۈەنتىن تارانتىنو ئىلگىرى ئاشكارا سورۇندا ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قورال باشقۇرۇش قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، فىلىمدىكى زىيادە كۆپ بولغان قوراللىق ئېتىش كۆرۈنىشىنىڭ قانچىلىكى كۆپچىلىككە ئۇنىڭ گېپى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
نازارەتچىلىك بۆلۈمى يېقىندا سىتاتىستىكا دوكىلاتىنى ئېلان قىلىدىكەن. «سەككىز بۇزۇق ئادەم» 1-ئاينىڭ 1-كۈنى شىمالى ئامېرىكىدا رەسمىي قويۇلدى، نۆۋەتتە 42.1 مىلىيون دوللار بېلەت كىرىمىگە ئېرىشتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved