سەئۇدىي ئەرەبىستان دېپلوماتىيە ۋەزىرى 3-يانۋار سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئىران بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، بەھرەين، سۇدان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىقلارمۇ 4-يانۋار تۇشمۇ تۇشتىن ئىران بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى ياكى ئىككى دۆلەت دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روسىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تۇشمۇ تۇشتىن سەئۇدىي ئەرەبىستان بىلەن ئىراننى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا مۇراجەت قىلدى.
روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى 4-يانۋار ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، روسىيەنىڭ ئىران، سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە پارىس قولتۇقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ۋەزىيەتنى مۇرەكككەپلەشتۈرىدىغان، ئاينىتىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتتىن ساقلىنىشقا جىددىي مۇراجەت قىلىدىغانلىقىنى، روسىيەنىڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى مۇرەككەپ ئىختىلاپنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، روسىيەنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن لازىملىق بولغان ياردەملەرنى تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved