ئوباما: IS كە زەربە بېرىشتە، مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلىشقا بولمايدۇ

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 24-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 23-چېسلا ئارگىنتىنانى زىيارەت قىلىش مەزگىلىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش، تېررورلۇقنى تۈپتىن يوقۇتۇش ھازىرقى ئەڭ ئاۋۋالقى بىرىنچى ۋەزىپە، بىراق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئەزالىرى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار مەھەللىسىنى نازارەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مېنىڭچە بۇ ئۇسۇل دەل ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.ئوباما شۇ كۈنى بوينىس-ئايرىس شەھىرىدە ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى مائۇرىسىيو ماكرى (Mauricio Macr) بىلەن كۆرۈشتى ۋە بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكىلىق مۇخبىرنىڭ بىريۇسسىل تېررولۇق ۋەقەسى ۋە ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستىراتىگىيىسى توغرىلىق سورىغان سوئالىغا يۇقىرقىدەك جاۋاب بەردى. ئوباما يەنە مۇنداق دېدى، پۈتۈن دۇنيا ئەھلى چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشى، بىرلىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئامېرىكا «ئىسلام دۆلىتى» گە داۋاملىق زەربە بېرىدۇ، بۇ جەھەتتە يەنە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، بىز تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا رايونىدا قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىمىز، بىراق بۇ جايدىكى قىيىن مەسىلە ئۆلۈۋېلىش خاراكتىرلىك تېررورلۇق بومبا ھۇجۇمى قوزغىغۇچىلارنى ئالدىن تېپىپ چىقىش بولىۋاتىدۇ.

بىريۇسسىل تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئاشكارا ھالدا ئوبامانىڭ «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش سىياسىتىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە باشلىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ نامزاتى، تېكساس شىتاتلىق فېدىراتىپ پارلامېنت ئەزاسى كىرۇز (Cruz) مۇنداق دېدى، بېلگىيەدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان مەھەللىلىرى تېررورلۇق شەكىللىنىدىغان ئۇۋا بولۇپ قالدى، بۇنداق ئەھۋال ئامېرىكىدىمۇ مەۋجۇت، شۇڭلاشقا بىز پۈتۈن ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان مەھەللىسىنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز كېرەك.

مۇخبىر ئوبامادىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا سوئال سورىغاندا، ئوباما يەنە مۇنداق دېدى، بۇنداق قىلىش خاتا ھەم ھېچ قانداق ئەھمىيىتى يوق، ئۇنداق قىلغاندا مەقسەتتىن ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قويىدۇ. ئامېرىكىدا كۆپ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمەسلىكىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ۋەتەننى سۆيىدۇ ھەم ۋەتەنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنى چەتتە قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

كىرۇز يەنە ئىراق ۋە سۈرىيەگە كەڭ كۆلەملىك بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئوباما بۇنىمۇ رەت قىلىپ مۇنداق دېدى، بۇنداق قىلىش ئىنسانپەۋرەرلىككە ياتتۇر، ئۇ يەنە ئامېرىكا قىممەت قارىشىغا زىت كېلىدۇ، ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئەگەر شۇنداق قىلىپ قالساق، «ئىسلام دۆلىتى» بۇنى باھانە قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈۋېلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇم قوزغايدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئايرودروملار ۋە مىترولار تېررورچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئوباما مۇنداق دېدى، ھازىر ئامېرىكا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش تەدبىرى ئەڭ ئۈنۈملۈك، بىز چوقۇم غەلبىنى قولغا كەلتۈرىمىز.

22-چېسلا بىريۇسسىل شەھىرى زاۋېنتېم ئايرودرومى (Zaventem Airport) ۋە شەھەر ئىچىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئورگىنى ئەتراپىدىكى مىترودا زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 30 نەچچە ئادەم قازا قىلدى، كېيىن «ئىسلام دۆلىتى» بۇ ۋەقەنى ئۆزلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىدى.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek