بىز نۇرغۇنلىغان ئوموملاشقان ساغلاملىق تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولىمىز. كۈندە بىر ئالما يىسىڭىز دوختۇردىن يىراق تۇرىسىز، ئەگەر چۈشلۈك تامىقىڭىزنى يىگىلى بىر سائەت بولمىغان بولسا ئەڭ ياخشىسى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە چۈشمەڭ، كۈندە 8 سائەت ئۇخلىسىڭىز ئاندىن بىر كىچە تولۇق ئارام ئالغان بولىسىز دىگەندەك. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
بىر قانچە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار ئەڭ مۇۋاپىق ئۇخلاش ۋاقتى توغرىسىدىكى سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەتقىقاتلار يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بىر كۈندە 7 سائەت ئۇخلاش ئەڭ مۇۋاپىق ھەم يىتەرلىك دەپ كۆرسەتكەن.ئامرىكا كالفورنىيە سان-دىياگو ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئالتە يىلغا داۋاملاشقان بىر تەتقىقاتى 1.1مىليون كىشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتىجىدە كۈندە6.5 دىن7.4 سائەتكىچە ئارىلىقتا ئۇخلايدىغانلارنىڭ ئۆمرى بۇنىڭدىن ئاز ۋە ياكى كۆپ ئۇخلايدىغانلارغا قارىغاندا ئۇزۇن بولغان.
7 سائەت ئۇخلاش مۇۋاپىق دىگەن قاراشقا قارشى چىقىدىغانلارمۇ بار. بەزى مۇتەخەسسىسىلەرئاز ئۇخلاشنى ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن تەۋىسىيە قىلىدۇ. چۈنكى بەزى كىشىلەرنىڭ كىسەللىكلىرى ئۇلارنىڭ كۆپ ۋاقىتنى كارۋاتتا ئۇخلاپ ئۆتكۈزىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ. يەنە تېخى بەزى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى كونتىرول قىلالمايدىغان كىشىلەرمۇ بار. يەنە بەزى كىشىلەر 5 سائەت ئۇخلىسىلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئۇخلىيالىسام شۇنچىلىك ئۇخلايمەن دىگەن قارىشىمدا چىڭ تۇرىمەن. كىم مەن بىلەن بىللە ؟
FOX NEWS تورىدىن ئېلىندى
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved