تۈركىيەنىڭ بودرۇمدا قانۇنسىز كۆچمەنلەر قولغا ئېلىندى
جاھان ئاگېنتلىقى 27-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: بودرۇمدا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق يۇنانىستاننىڭ كوس ئارىلىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان ، كونگولۇق 46 قانۇنسىز كۆچمەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
بودرۇم ساھىلى بىخەتەرلىك قىسىملىرى، تۇرگۇترېس مەھەللىسى ئەتراپىدا بىر كىمىدە قانۇنسىز كىشىلەر بارلىقى خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مەزكۇر رايۇنغا ھەرىكەتكە ئاتلاندى.
ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى،كېمىگە سۇ چىقىپ قالغانلىقى ۋە چۆكۈپ كېتىشكە ئاز قالغانلىقىنى بايقىدى، ساقچىلار ھامىلدار ئايال ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 46 قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا ئالدى. قانۇنسىز كۆچمەنلەر باشقا كېمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەستىن 8 مېتىرلىك كىمە سۇغا چۆكۈپ كەتتى. كۆچمەنلەر مەزكۇر مەھەللىدىكى ساقچىخانىغا يۆتكەلدى. چەتئەللىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ساقچىخانىغا بارغاندىن كېيىن چەتئەلگە چىقىرۋېتىلىشى ئۈچۈن مۇغلا چەتئەللىكلەر شۆبە ساقچىخانىسىغا يۆتكىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved