ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى پايتەختى رىيادتىكى بىر ئايال تۆگىنى سۆيگەن ۋاقتىدا قېيىنئانىسى كۆرۈپ قالغان، قېيىنئانىسى ئاچچىقلاپ ئوغلىدىن ئايالىنى تالاق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئايال تۆگىنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن كىرىمىدىن خۇش بولۇپ ئۇنى سۆيۈپ قويغان. لېكىن قېيىنئانىسى بۇنى دىنغا ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارىغان.
بۇ ئايال قېيىن ئانىسىنىڭ بىر تۆگىنى سۆيۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق "ھۇجۇم قىلىش" نىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇنىڭ ھازىرغىچە بالا تۇغمىغانلىقىدا دەپ قارىغان.
گەرچە بۇ ئەر-خوتۇنلار ناھايىتى ئىناق بولسىمۇ لېكىن قېيىنئانىسى ئۇلار بىلەن بىللە تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئايال قېيىنئانىسنى ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ قارىغان. ۋاقتىنچە ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغان. ئۇ بۇ جېدەلنى بالدۇراق ھەل قىلىشنى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىناق ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved