جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ3-كۈندىكى تېلگىراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىغا ئاساسلانغاندا ، ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ھىندىستاننىڭ يىزا -ئىگىلىك تەرەققىياتى مىنىستىرى گوپىندىس مۇندىنىڭ 3-چېسلا پايتەخىت يېڭى دېھلىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ بەخىتكە قارشى قازا قىلغانلىقنى جاكارلىغان.مۇندى تېخى بۇندىن سەل ئىلگىرىلا يېڭى باش مىنىستىر مودىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشىگە مۇيەسسەر بولغان بۇلۇپ ، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئارانلا بىر ھەپتە ئۆتۈشىگە قازا قىلغان .
ھىندىستان قاتناش -ترانسىپورىت مىنىستىرى جادكارىنىڭ ئېيتىشىچە ، مۇندى 3-چېسلا ئايرودىرومغا مېڭىش يولىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ ئېغىر يارلانغان ، دوختۇرخانىغا ئاپرىلغاندىن كىيىن قازا قىلغان .
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مۇندىنىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق چۆچىگەنلىكى ۋە قايغۇسىنى بىلدۈرگەن ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئۇنىڭ ۋاپات بۇلىشى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ زىيىنى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ››.
مۇندىنى داۋالىغان دوختۇرخانىنىڭ ئېيتىشىچە ، مۇندى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرگەندىن كىيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا داۋالىغىلى بولمايدىغانلىقى جاكارلانغان . ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىلىنگەن ۋاقىتتا ئاللىقاچان نەپەس ئېلشى ، يۈرەك سوقۇشى ۋە تومۇر سوقۇشى پۈتۈنلەي توختاپ قالغان ئىكەن. دوختۇرخانا تەرەپ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قۇتقۇزغان بولسىمۇ بىراق مۇندى شۇ جاي ۋاقتى سەھەر سائەت يەتتە يېرىم ئەتراپىدا قازا قىلغان .
ئىگەللەشلەرگە قارىغاندا مۇندى 1995-يىلدىن 199-يىلغىچە ماخاراشىتى رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن. 2009-يىلى ۋە 2014-يىلى ئىككى قېتىم پارلامىنىت ئەزاسى بۇلۇپ سايلانغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved