يېمەكلىكلەرنىڭ رەڭگى ئوزۇقلۇقنى بەلگىلەيدۇ. ئامېرىكا ئوزۇقلۇقشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرى ئاق رەڭلىك تۆت خىل كۆكتاتنى كۆپرەك يېيىشنى تەۋسىيە قىلدى، بۇلار كالىي، ماگنىي ۋە تالا ماددىلىرىنى تولۇقلايدۇ.
چېچەكسەي: تەركىبىدە مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن گۈڭگۈرت بار، ئۇ راك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئۇستىخانلار ۋە قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا ياردەم بېرىدۇ.
گۈمبەمەدەك: تەركىبىدە سېلېن، كالىي، رىبو فلاۋىن، نىكوتىن كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن D قاتارلىق بەدەننى كۈچەيتىدىغان مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، مايسىز بولۇپ، تەركىبىدە خولېستېرىن ۋە ناترىي يوق .
سامساق: چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دانخورەكنى داۋالاپ، تارقىلىشچان زۇكامغا تاقابىل تۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
بەرەڭگى: چوڭ - كىچىكلىكى ئوتتۇراھال بىر تال بەرەڭگى تەركىبىدە 941 مىللىگىرام كالىي ۋە 3.6 گىرام تالا ماددىسى بار. بەرەڭگى تەركىبىدە يەنە ۋىتامىن C، ۋىتامىن B6 ۋە ماگنىي بار.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved