تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ يېتەرلىكلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئەنئەنىۋى كۆرسەتكۈچلەردىن تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئىمپورت بىلەن بولغان نىسبىتى (ئاز دېگەندە 3-4 ئايلىق ئىمپورت سوممىسىنى قاندۇرۇش كېرەك)، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ قىسقا مەزگىللىك تاشقى قەرز بىلەن بولغان نىسبىتى (ئاز دېگەندە بىر يىل ئىچىدە قەرەلى توشىدىغان تاشقى قەرز سوممىسىنى قايتۇرۇشقا يېتىش كېرەك) قاتارلىقلار بار، يۇقىرىقى كۆرسەتكۈچلەر بىلەن ئۆلچىگەندە، جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ كۆلىمى (2015- يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۈچ تىرىليون 440 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) يېتەرلىك بولۇش كۆلىمىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ M2 (كەڭ مەنىدىكى پۇل) بىلەن بولغان نىسبىتى ئارقىلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ يېتەرلىكلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان يېڭى ئۇسۇل پەيدا بولدى. پېرېۋوت نىسبىتى مۇقىم دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بۇ نىسبەت %10 تىن %20 كىچە بولۇشى كېرەك، لەيلىمە پېرېۋوت يولغا قويۇلغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، بۇ نىسبەت %5 تىن %10 كىچە بولۇشى كېرەك. 2015- يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جۇڭگودىكى M2 (كەڭ مەنىدىكى پۇل) قالدۇقى 137 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يەتتى. ئەگەر بىر ئامېرىكا دوللىرىنى 6.45 خەلق پۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگوغا نىسبەتەن يېتەرلىك بولغان تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ كۆلىمى ئىككى تىرىليون 130 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆت تىرىليون 260 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن، ئەگەر تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ M2 (كەڭ مەنىدىكى پۇل) بىلەن بولغان نىسبىتى ئارقىلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ يېتەرلىكلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەش توغرا كەلسە، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى داۋاملىق مۇقىم بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو ھۆكۈمىتى كاپېتال ھېساباتىنى داۋاملىق ئېچىۋەتسە، ئۇ ھالدا جۇڭگونىڭ ھازىرقى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دېگەندەك يېتەرلىك بولمايدۇ.
جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ يېتەرلىك ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى يەنە بىر نۇقتىدا تۇرۇپ كۆرسەكمۇ بولىدۇ. خەلقئارا نەقچوت بانكىسى (BIS) نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، ھازىر چەتئەل بانكىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تۈرلۈك ئەمەلىي گەۋدىلەردىكى قەرزىنىڭ سوممىسى تەخمىنەن 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، جۇڭگودىكى تۈرلۈك ئەمەلىي گەۋدىلەر تارقاتقان چەتئەلدىكى زايومنىڭ تۆلەنمىگەن قالدۇقى 450 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، شياڭگاڭ ئارقىلىق ئىچكىرىگە كىرگەن ئارىچاڭ پايدا مەبلىغىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا. يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك مەبلەغنى قوشقاندا بىر تىرىليون 650 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. 2015- يىلى 3- پەسىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جۇڭگونىڭ سىرتقا بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى (FDI) تەخمىنەن ئىككى تىرىليون 850 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئەگەر كەلگۈسىدە قىسقا مەزگىللىك ئارىچاڭ پايدا مەبلىغى تۈركۈملەپ سىرتقا ئېقىپ كەتسە، سىرتقا بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ كەڭ كۆلەمدە سىرتقا پېرېۋوت قىلىنسا ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى جۇغلانما مەبلەغ ئارقىلىق چەتئەلدىكى كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش قەدىمى تېزلىتىلسە، ئۇ ھالدا جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئۈچ تىرىليون 440 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ يېتىشى ناتايىن.
ئاخىرىدا ئېيتىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش بار، جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ كۆپ قىسمى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك زايومىغا مەبلەغ سېلىشتىن كەلگەن. تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا دوللىرىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەگەر تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆلىمى جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ ھازىرقى ئامېرىكا دوللىرى ئوبوروت كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتسە، جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك زايومىنى سېتىش شەكلى ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇلى جۇغلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنداق ئىش بەلكىم جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى تايىنىدىغان ئىلكىدىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك زايوم بازىرىنىڭ قىممىتىنى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ھازىر جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن چىقىرالايدىغان تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ كۆلىمى ئەمەلىيەتتە ئۈچ تىرىليون 440 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىن ئاز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved