شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مېۋىلىك باغ كۆلىمى 22 مىليون موغا يەتتى

چىلان ۋە ئۆرۈكلۈك كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدۇ

 


ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزگىچە ئىسسىقلىق شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ‹‹غەربىي رايونىدىكى كاتتا باغ›› بەرپا قىلدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە مېۋىلىك باغ كۆلىمى 22 مىليون موغا، ئومۇمىي ھوسۇلى 6 مىليون 500 مىڭ توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 45 مىليارد يۈەنگە يەتتى. قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا باغ كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون مولۇق سۈرئەت بىلەن كۆپەيدى. ئىلگىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېۋىلىك باغ 3 مىليون موغا يەتمەيتتى، ھازىر 22 مىليون موغا يەتتى. شۇنداقلا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا چىلان، ياڭاق، ئۆرۈك، نەشپۈت ۋە ئالما قاتارلىق ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە مېۋىلىك باغلار بارلىققا كەلدى.


6 – فېۋرال ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان دېھقان 3 مىليون 500 مىڭغا، مېۋىچىلىكتىن قىلغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 1400 يۈەنگە يەتكەن. باغۋەنچىلىكنى بالدۇرراق تەرەققىي قىلدۇرغان ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەردە مېۋىچىلىك كىرىمى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ %45تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چىلان، ئۆرۈك كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا، ياڭاق كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 3 – ئورۇندا تۇرۇپ، باغۋەنچىلىك ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلانغان.



خەتكۈچلەر:
09-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek