لوندون ئۇنۋىرىستىتىدىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ رەئىسى نىك باتىل ئېلان قىلىپ: نېفىت ئىشلەپچىرىش ساھەسىدىكى ئاساسى كۈچ-ئوپىك تەشكىلاتىنىڭ دەۋرى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى، دېدى. تا ھازىرغىچە ئەزەلدىن زور كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ئوپىك) نېفىت ساھەسىدە باشلامچىلىق رولنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئىدى،لېكىن ئامېرىكىنىڭ قايتىدىن نېفىت چوڭ دۆلىتىگە ئايلانغانلىق خەۋىرى بۇ ئوپىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،ھەمدە باي دۆلەتنىڭ توساتتىن نامرات دۆلەت بىلەن قارشىلىشىشى قاتارلىق بۇ بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى.مۇناسىۋەتلىك كۆز-قاراشلار ئەمدىلا 2015-يىلدىكى نېفىت باھاسىنىڭ 50 دوللارلىق ئۆتكەندىن چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، 1-ئاينىڭ 5-كۈندىكى نېفىت باھاسى بۇنىڭغا قارتا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇردى.
يەنە بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار يەنە داۋاملىق چۈشۈش ئىھتىماللىقىنى پەرەز قىلىپ نېفىت باھاسى 20 دوللار ئەتراپىغا چۈشكەندە تەگدىن مال ئېلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى.بەزى تەھلىلچىلەر ئىزچىل سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكىنى «پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى» دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە روسىيە ۋە ئىرانغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. چۈنكى ئۆتكەن يېرىم يىلدىكى ھەقىقەت ئاللىقاچان شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئوپىك تەشكىلاتى ئاللىقاچان بازانى كونترول قىلىشقا ئامالسىز قالغان بۇلۇپ، ئوپىك ئەزالىرىنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىقى دەسمايىنى ئۇتتۇرۇپ، قۇرۇق مۇقامغا توۋلاشنى خالىمىغان ئىدى.ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويدى. ئامېرىكىنىڭ 40 يىلى داۋاملاشقان نېفىت ئېكسپورت قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش كېرەكمۇ يوك دىگەن مەسىلە ئاللىقاچان سىياسى كۈن تەرتىپكە كىرىپ بولدى، چۈنكى نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ سېلانتېس مېيىدا ئېشىنىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، نېفىت ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقى بولسا خەلقئارا بازارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئازايتىۋېتىدۇ. ئىنىرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا خام نېفىت ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقارغان، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئامېرىكا روسىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ ئوكرائىنا مەسىلىسى ئۈستىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەش كويىدا بولۇۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش بارغانسىرى ۋاشىنگىتوننىڭ تاللاش ئىھتىمالىقىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
دۇنيا نېفىت تۈزۈمى نۆۋەتتە تۆۋەندىكى ئىككى ئامىل تەرىپىدىن قايتىدىن چۈشەنچە بېرىلىۋاتىدۇ. بىرىنچى: ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئېشىش سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە يەنە بىر سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئايلىنىپ قالىدىغان بۇلۇپ، نېفىت ئىشلەپچىرىش كۈنلۈك مىقدارى 15مىليون تۇڭغا يېتىدىكەن ( سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 11مىليون تۇڭغا يېتىدۇ) . ئىككىنچى: كىشىلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى، چۈنكى ئېھتىياج بارغانسېرى سىقىپ چىقىرىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ئەگەر بىكار قىلىنسا ئۇ ھالدا يەنىمۇ كۆپ بولغان شىمالى ئامېرىكا نېفىتنىڭ دۇنيا بازىرىغا كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بازارنىڭ ئوپىك دۆلەتلىرى ئىشلەپچىقارغان نىفىتقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ مىقدارى كېلەر يىلىغا بارغاندا ئازىيىپ كۈنىگە 29مىليون 200مىڭ تۇڭغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ئالدىدا بەلگىلەنگەن 30مىليون توڭ بولغان كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا ئېنىقلا تەمىنلەش بىلەن ئىھتىياجنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئامېرىكىدىكى بىر ئىستىراتېگىيىلىك تەھلىلچى مۇنداق دېدى: بىز نۆۋەتتە نېفىت بازىرىدىكى يىڭى بىر دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ئەگەر ئۆتكەنكى نەچچە يىل ئىچىدە ئوپىك دۆلەتلىرى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش ياكى كۆپەيتىش ئارقىلىق نېفىت باھاسىنى كونترول قىلغان بولسا ئۇ ھالدا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ پايدىلىق ئورۇننى ئامېرىكا ئىگەللىدى، ئامېرىكا دۇنيا نېفىت باھاسىنى بېكىتكۈچى دۆلەتكە ئايلاندى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved