ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش ھىكايە
1. پىكىر ئالماشتۇرۇش
بىر كۈنى شىر بىلەن يولۋاس قاتتىق جەڭ قىپتۇ، ئاخىردا ئىككىلى تەرەپ ئېغىر يارىلىنىپ مەغلۇب بوپتۇ. شىر جان ئۈزۈش ئالدىدا يولۋاسقا «ئەگەر سەن مېنىڭ زىمىنىمنى تارتىۋىلىش كويىدا بولمىغان بولساڭ، ئىككىلىمىز ھازىرقى ھالەتكە چۈشۈپ قالمىغان بولاتتۇق» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان يولۋاس ھەيرانلىق بىلەن «مەن ئەزەلدىن ئۇنداق كويدا بولۇپ باقمىغان، پەقەت سېنى تېخى مېنىڭ زىمىنىمغا تاجاۋۇز قىلامدىكى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن!» دەپتۇ شىرغا.
نۇقتىئىنەزەر: ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش قوشۇننى قوغداشنىڭ مۇھىم ئامىلى. ھەممە ئىشنى ئىچىڭىزگە سېلىۋەرمەي، باشقىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، باشقىلارنىڭ سىزنى چۈشىنىشىگە پۇرسەت بېرىڭ. بۇنداق بولغاندا خاتا چۈشەنچىنىڭ، زىددىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2. ئىشىنىش.
ئىككى قۇش بىرگە ياشايدىغان بولۇپ، ئەركەك قۇش بىر ئۇۋىغا لىققىدە كەلگۈدەك كىچىك قاتتىق مىۋىلەرنى يىغقان ۋە چىشى قۇشنىڭ ساقلىشىغا بەرگەن. ھاۋانىڭ قۇرغاق بولۇشى سەۋەبىدىن مىۋىلەر قورۇلۇپ كىچىكلەپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن ئەركەك قۇش چىشى قۇشنى مىۋىلەرنى ئوغۇرلۇقچە يەۋالغان دەپ ئويلاپ، چىشى قۇشنى چوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يامغۇر يېغىپ، ھاۋا نەملىشىپ مېۋىلەرنى ئەسلىدىكى چوڭ ھالىتىگە قايتۇرۇپ قويغان. بۇ چاغدا ئەركەك قۇش ئۆزىنىڭ چىشى قۇشنى خاتا ئەيىپلىگىنىنى ھېس قىلغان ۋە قاتتىق پۇشايمان ھېس قىلغان.
نۇقتىئىنەزەر: كوللىكتىپ ئىچىدە خىزمەتداشلار ئۆز-ئارا ئىشىنىش ئەڭ مۇھىم، نۇرغۇن كوللىكتىپ ئۆز-ئارا گۇمان قىلىش، ئىشەنمەسلىك سەۋەبتىن ۋەيران بولغان.
3. ئېغىر بېسىق بولۇش.
ئىككى قاغا دەرەخكە قونىۋىلىپ ئۆز-ئارا تىللىشىپ كىتىپتۇ. بۇ تىللاشلار ئەۋجىگە چىقىپ، بىر قاغا يەنە بىر قاغىغا قولىغا چىققان بىر نەرسىنى ئېلىپ كۈچەپ ئاتقانىكەن، ئۇ ئاتقان نەرسىسى يەنە بىر قاغىغا تىگىپ ئىزىلىپ كىتىپتۇ. قارىسا ئۇ ئاتقىنى دەل ئۆزىنىڭ تۇخۇمى ئىكەن.
نۇقتىئىنەزەر: ھەرقانداق بىر ئىشقا يولۇققاندا سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، ئاسان ھاياجانلىنىپ ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويماسلىق كېرەك. ئاسان ھاياجانلانغاندا ئىشنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن بەلكى ئىشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋىتىدۇ، نەتىجىدە زىيان تارتىدىغىنى پۈتكۈل كوللىكتىپ بولىدۇ.
4. ئورۇننى ئالماشتۇرۇپ ئويلاپ بېقىش.
قوزىچاق كۈچۈكنى تاماققا تەكلىپ قىپتۇ، قوزىچاق بىر ئۈستەل يۇمشاق يۇمران ئوتلارنى تەييار قىپتۇ، نەتىجىدە كۈچۈك بىرنەچچە ئېغىز يەپلا بولدى قىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن كۈچۈك قوينى تاماققا تەكلىپ قىپتۇ. كۈچۈك كۆڭلىدە: مەن ھەرگىز قوزىچاققا ئوخشاش پىخسىقلىق قىلسام بولمايدۇ، مەن چوقۇم مول نازۇ-نىممەتلەرنى تەييارلاپ مېھمان كۈتۈشۈم كېرەك، دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈچۈك بىر ئۈستەل قوۋۇرغا تەييارلاپتۇ، نەتىجىدە، قوزىچاق بىر چىشلەممۇ يىمەپتۇ.
نۇقتىئىنەزەر: بەزى ۋاقىتتا سىز ياقتۇرغاننى باشقىلار ياقتۇرىشى ناتايىن، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئىددىيسىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭماي، كۆپرەك باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭ. بۇنداق بولغاندا باشقىلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
5. خوشاللىق.
توشقان تورت ياساشنى ئۆگىنىپتۇ، بىراق ياسىغان تورتى دائىم يىيىشلىك بولمىغاچقا، خوراز ئۇستامدىن سەۋەبىنى سوراپتۇ. خوراز ئۇستام ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن تورت ياساشقا كەتكەن ماتىرىيالنى سوراپتۇ. توشقان بۇزۇلۇپ قالاي دىگەن تۇخۇملارنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ھەممىنى تورت ياساشقا ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. خوراز توشقانغا «ئېسىڭدە بولسۇن، پەقەت ياخشى سۈپەتلىك ماتىرىيال ئىشلەتكەندىلا ئاندىن ياخشى تورت ياساپ چىققىلى بولىدۇ» دەپتۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved