بىر مۇزېي 4-ئاپرېل ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى فۇكوۋكا ئۆلكىسىدە سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. كىشىلەرنى ھەممىدىن بەكرەك جەلپ قىلغىنى بۇ مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان 1945-يىلى ياپونىيەلىك پىروفېسسورلارنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تېنىنى تىرىك يېرىپ كۆرگەنلىكى ھەققىدىكى جىنايى پاكىتى بولدى. ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مۇزېي 63 پارچە ئەسەرنى كۆرگەزمە قىلغان بولۇپ، بۇ كېسەل تارىخىي، داۋالاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كۆرگەزمە بويۇمى يەنى كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا بۆلۈمى پروفېسسورىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىلىق سەككىز ئۇچقۇچىنىڭ تېنىنى تىرىك يېرىپ كۆرگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتلار بولدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تېرىك تەننى يېرىپ كۆرۈش ئىشىنى قاتتىق سىر ساقلاپ، بۇ تېمىنى ئاشكارىلىماي كەلگەن ئىدى. ياپونىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن بىزار بولۇپ، تارىخقا توغرا قاراش كېرەك دېگەندە چىڭ تۇردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved