نىڭبولىق ئەر چوڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئىككى خوتۇن ئالغان بۇ قىلمىشى قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىگە چېتىلشى مۇمكىن

يېقىندا تورداش@candy5411 نىڭ مۇنبەردە ئاشكارلىشىچە ، نىڭبو شاڭشەندىكى بىر ئەر چوڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بۇلۇپ ، توي مۇراسىمدا ئىككى خوتۇنىنى قۇچاقلاپ يۈرگەن . توي مۇراسىمدا تارتىلغان ھەقىقى سۈرەت بۇنىڭغا ئىسپات بۇلالايدىكەن.

جېجىياڭ لىنيەسىنىڭ مۇخبىرى شۇ يەرلىك ھۆكىمەت ۋە ساقچىخانىدىن دەلىللىشىچە، بۇ ئىش دەرۋەقە راسىت بۇلۇپ چىققان  .

 

چوڭ توي قىلىپ ئىككى خوتۇن ئېلىش 

 

 

تورداش @ candy5411 نىڭ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 13- كۈنى كەچتە ، نىڭبو شەھەرى شاڭشەن ناھىيەسى شىنچىياۋ بازىرى گۇئەن توۋ كەنتىدە بىر ئەر ئىككى خوتۇننى ئەمرىگە ئالغان ھەمدە كۆپلىگەن توي مۇراسىمىدىكى سۈرەتلەرنى تورغا چىقارغان. 

رەسىمگە قارىغاندا ، يىگىت قىسقا قىرقىلما چاچ قۇيۋالغان، ئوڭ سولىدا ئىككى قىزنى قۇچاقلاپ مېھمانلارغا ھاراق تۇتۋاتقان ئىكەن ھەم ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى تامغا چوڭ قىلىپ ‹‹خۇشاللىق›› دىگەن خەت بىلەن بىر خۇشاللىق نەزمىسى ئېسىلغان.

 

بۇ ئىش راستمۇ-يالغان؟

 

جېجىياڭ لىنيەسى مۇخبىرى شاڭشەن ناھىيەسى شىنچىياۋ بازارلىق ھۆكىمەتنىڭ تەشۋىقات بۆلمىنىڭ مۇدىرى رېن  مىيىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان. رېن مۇدىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاللىقاچان بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان  ، توي قىلغان يىگىتنىڭ فامىلىسى شى بۇلۇپ ، شىنچىياۋ بازارى گۇئەن توۋ كەنتىدىن ، ئۇزۇن مەزگىل سىرىتتا يۈرگەن ئىكەن. ھاراق زىياپىتى شاڭشەن ناھىيەسى چېڭدەن شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ھەقىقەتەنمۇ ئىككى خوتۇن ئالغانلىقىدەك ئەھۋال بۇلىشى مۇمكىن ئىكەن ئەمما توي خېتى ئېلىشقا تىزملاتقانمۇ يوق تېخى ئېنىق ئەمەسكەن. 

مۇخبىر ئارقىدىن شاڭشەن ناھىيەسى خەلىق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ توي خېتىگە تىزمىلاش ئورنىدىن ئەھۋال ئىگەللىگەن، تىزمىلاش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارمۇ ئاللىقاچان بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ئىكەن. تەكشۈرۈپ ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا بۇ ئەرنىڭ  بۇرۇن توي قىلغانلىق تارىخى يوق ئىكەن ، بۇ قېتىمىقى توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىشىمۇ ئۆزىنىڭ شەخسى قىلمىشى ئىكەن. 

خەلىق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىم مۇنداق دىگەن :‹‹ خەلىق ئىشلار ئىدارىسىدە ئىككى خوتۇنلۇق بۇلۇشقا تىزملاش ھەرگىزمۇ مۇمكىن بولمايدۇ  ھەم مبۇنداق ئىشنىڭ يۈز بىرشىگىمۇ قەتئي رۇخسەت قىلمايدۇ  ››

نۆۋەتتە شىنچىياۋ بازارلىق ھۆكىمەت ۋە ساقچىخانا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان .ھازىرغا قەدەر ساقچىلار شى فامىللىكنى تېخى تاپالمىغان ، كونكىرىتنى ئەھۋاللارنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش كىرەك ئىكەن.

 

ئادوۋكات ئۇنىڭ قايتا نىكاھلىنىش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغان بۇلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن 

 

بىر ئەر ئىككى خوتۇنلۇق بۇلۇش قانۇنغا خىلاپمۇ يوق ؟

 

جېجىياڭ ئۆلكىلىك توڭجى ئادوۋكاتلار ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ  ئادوۋكاتى چېن مىن مۇنداق دىگەن :‹‹ جۇڭخۇا خەلىق جۇمھىرىيتىنىڭ توي ئىشلار قانۇنىدا  بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بۇلۇش تۈزىمى بىكتىلگەن، شۇڭا بۇ ئەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خوتۇن ئېلىش  ھوقۇقى يوق . بۇ خىل قىلمىشنى دۆلىتمىز قانۇنى قاتتىق چەكلىگەن . بۇ خىل قىلمىش جەزمەن قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىشى كىرەك .››

چېن ئادوۋكات يەنە مۇنداق دىگەن :‹‹ بۇ ئەرنىڭ قىلمىشى قايتا نىكاھلىنىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان بۇلىشى مۇمكىن››. قايتا نىكاھلىنىش جىنايىتى بولسا ئۆز ھەمراھى بار تۇرۇپ يەنە باشقىلار بىلەن توي قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ھەمراھى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ توي قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىز ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 258 - ماددىسىغا ئاساسەن ، ئىككى يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسىغا ياكى  تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا تارتىلىشى كىرەك ئىكەن. 

چېن ئادوكات :‹‹ بۇ ئەر گەرچە خەلىق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرمىغان بولسىمۇ ، ئەمما توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن تەڭلا بۇ  ئىككى خوتۇن بىلەن بىر ئۆيدە تورغانلىقى راستلا بولسا ، ئۇنىڭ قىلمىشى قايتا توي قىلىش جىنايتىگە كىرىدۇ ››  

جېجىياڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائى ئىشلار تارمىقنىڭ پىرافىسسورى ياڭ جىيەن خۇا بۇ ئىشقا باھا بەرگەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە  ، ئوچۇق-ئاشكارە سورۇندا بۇنداق دەبدەبلىك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشكە پېتىنىش ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بۇلۇش ھازىرقى زامان جەمئىيتىدىكى ئائىلىلەرنىڭ تەرتىپلىك، توي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بۇلشىغا كاپالەتلىك قىلدىغان ئەڭ ئاساسى پىرىنسىپ. بۇ خىل قىلمىش ئاممىۋى ئەخلاققا ،ياخشى بولغان ھازىرقى زامان جەمئىيتىگە قىلىنغان چەيلەش ۋە ئېغۋاگەرچىلىك قىلىش ، بۇ خىل قىلمىش شەخىسنىڭ ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كىلىپلا قالمايلا جەمئىيەت تەرتىپىگىمۇ زىيان ئېلىپ كىلىدۇ. بۇنداق قىلمىش چۇقۇم جازاغا تارتىلىشى كىرەك. 



16-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تېڭشۈن تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
25-04-2016
    ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق رەت-تەرتىپتىن قارىغاندا، لوندون يەرشارىدىكى م...
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
Powered by Leglek