خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېيخانىدا ساقلىنۋاتقان مىڭ، چىڭ سۇلالىسى قاشتېشى بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى 18-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا باشلىنىدۇ

1-يىلى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جوڭشياڭ دېگەن جايدىكى مىڭ سۇلالىسى پادىشاھى لياڭ جۇاڭنىڭ قەبرىسىدىن تېپىلغان قاشتېشى، خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېي قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە گۇگۇڭ سارىيىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن چىڭ سۇلالىسى ئوردا قاشتېشى ۋە ئەلئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن بىر قىسىم قىممەتلىك قاشتېشى بۇيۇملىرى 18-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي مەسئۇل خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو قاشتاشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، قاشتېشى 7000 مىڭ يىل بۇرۇنلا قەدىمكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كىرگەن. بۇ 7000 يىللىق ئۇزاق تارىخ جەريانىدا مەيلى يېڭى تاش قوراللىرى دەۋرىدىكى ساپاللار، تاش بۇيۇملار ياكى شاڭ جو سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىس قوراللار، ۋېي، جىن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىنكى ساپال بۇيۇملار بولسۇن، ھەممىسى ئاستا- ئاستا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ قالغان. لېكىن قاشتېشى بۇيۇملىرى ئىزچىل ھالدا جۇلالىنىپ، ھاياتىي كۈچى بارغانسېرى ئاشماقتا.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ،ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ تۇنجى قېتىم سىرتتىن كىرگۈزگەن قەدىمكى دەۋردىكى قاشتېشى بۇيۇملىرىنى ئاساسىي تېما قىلىپ ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىق كۆرگەزمىسى بولۇپ، كۆرگەزمە قاشتېشىنى ئىشلىتىلىش قائىدە-يوسۇنى، يېزىقچىلىقتا ئىشلىتىلىشى، بېزەكچىلىكتە ئىشلىتىلىشى، كىيىم-كېچەككە ماسلاشتۇرۇلىشى بويىچەتۆت تۈرگە ئايرىلغان. تۈرىنىڭ كۆپ خىل بولۇشى ۋە نەپىسلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى قاشتېشى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، قاشتېشى خەلق ئارىسىدا تارقالغان .بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىكى قاشتېشى بۇيۇملىرى يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنى يىراق قەدىمدىكى مىڭ، چىڭ سۇلالىسىدىكى قاشتېشى ئۇستىلىرىنىڭ ئېسىل تېخنىكا ماھارىتىنى ھېس قىلدۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئالتاي يولىدا قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقاچقا، ئامما ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ دوستلۇق بېكىتىدە چۈشۈپ قېلىپ، مېيمېي دوستلۇق مال سېتىۋېلىش مەركىزىدىن كېسىپ ئۆتسە، ئاندىن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا بارالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ۋە خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېي بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىكەن، بۇ جەرياندا كۆرگەزمە شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
16-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek