تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن، خەلقئارا نېفىت باھاسى 15-يانۋار زور دەرىجىدە چۈشۈپ، بازار يېپىلغاندا 30 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ، 12 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتتى.
بازار تەمىنلەش تەلەپتىن ئېشىپ كېتىشى ھەمدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش دەرىجىسى %20دىن ئېشىپ كەتتى.
15-يانۋار بازار يېپىلغاندا، نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا 2016-يىلى 2-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان يېنىك سۈپەتلىك خام نېفىت قەرەللىك مېلى باھاسى 1.78 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ، ھەر باكى 29.42 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بازار يېپىلدى، چۈشۈش نىسبىتى %5.71 بولدى. 2-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان لوندون برېنت خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى 2.09 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ، ھەر باكى 28.94 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بازار يېپىلدى، چۈشۈش نىسبىتى %6.74 بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved