رۇسىيە راۋان ئاگېنتلىقى ۋە تاس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى بىر ئەرباب: «بەھرەيننىڭ ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى ئىجابىي ھەرىكەت ئەمەس، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىسىز» دېگەن. بۇندىن بۇرۇن، بەھرەين ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان. بەھرەين دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4-يانۋاردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىراننى «ئۇزۇندىن بۇيان بەھرەيننىڭ ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى»، دەپ ئەيىبلىگەن.
بۇ ئىشقا قارىتا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىسىتىرلىقىدىكى بىر ئەرباب: «ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزمەي، ئەكسىچە سۆھبەتلىشىشى كېرەك ئىدى. بىزنىڭچە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئاقىلانىلىك ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ خىل ئۇسۇل ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىسىز» دېگەن.
بۇ ئەرباب يەنە: «زىددىيەت يۈر بەرگەندە، ئىككى تەرەپ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق نۇقتىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك.» دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved