ئەنگىلىيەنىڭ «كۈندىلىك تىلىگراف خەۋەرلىرى گىزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا شۇ جاي ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىتالىيەنىڭ 478 ئادەملىك بىر كېچىك پاراخۇتى گىرىتسىيەنىڭ ئادىرىئاتىك دېڭىزىدا كىتىۋاتقاندا ئوت كەتكەن. 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچكىچە ھادىسىدە ئۆلگەنلەر سانى 10غا يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز دىگەندە 40 نەپەر يولۇچى يوقاپ كەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، قۇتقۇزىۋېلىنغان بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ ئىسمى كېچىك پاراخۇتىنىڭ يولۇچىلار تىزىملىكىدىن چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ پاراخۇتقا ئەمەلىيەتتە زادى قانچە ئادەم چىققانلىقىنى ھۆكۈم قىلىپ بىكىتىش مۇمكىن بولمىدى.
«نورماندى ئاتلانتىك» ناملىق بۇ كېچىك پاراخۇتى 28-چىسىلا ئەتىگەن گىرىتسىيەنىڭ پاتراس قولتۇقىدىن ئىتالىيەنىڭ ئانكۇنا دىگەن يىرىگە كىتىۋاتقاندا ئوت كەتكەن، شۇنىڭدىن كىيىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان. ئىتالىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەتىرىتى ئەمەلدارىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە نۆۋەتتە پاراخۇتتا 10 ئادەم ئۆلۈپ، 427 ئادەم قۇتقۇزىۋېلىنىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved