ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەر چىقىرىپ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى خاساكاخ ئۆلكىسىنىڭ رمېيلان ئايروپورتىنى كونترول قىلىپ، كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشىنى قوللىغان
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئايروپورت ئامېرىكا سۇرىيەدە كونترول قىلغان بىرىنچى ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئىكەن. ئايروپورت ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدىكى سۇرىيە كۇرد دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالىيىدە ئىدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى كۇرد دېموكراتىك ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن بۇ ئايروپورتنى ئىشلىتىدىكەن. كېلىشىم تۈزۈشتىكى مەقسىتى قورال تەمىنلەش ھەمدە ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ھاۋا ئارمىيە بازىسى تەمىنلەش شەكلىدە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدىكى سۇرىيە خەلق قوراللىق كۈچلىرى «سۇرىيە دېموكراتىيە كۈچلىرى»نى قوللاش ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved