شىياۋمىدىن بالىلارغا يېڭى يىللىق سوۋغات: شىياۋمى بالىلار قول سائىتى

         شىياۋمى شىركىتى بۈگۈن 11-نۆۋەتلىك ئاممىۋى مەبلەغ توپلاش مەھسۇلاتىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغان، كىشىلەر ئالدىن پەرەز قىلغاندەك، بۇ قېتىمقى يېڭى مەھسۇلات دەرۋەقە بالىلار قول سائىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا «مىتۇ» (米兔) بالىلار تېلېفون قول سائىتى دەپ ئىسىم قويۇلغان.


        ئىگەللىنىشىچە، «مىتۇ»  بالىلار تېلېفون قول سائىتىنى شىياۋمى ئېكولوگىيە زەنجىرىگە تەۋە كارخانا شىياۋ لىڭ تېخنىكىسى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 269 يۈەن ئىكەن. بۇ بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى بولۇپ، ئاۋاز سۈپىتى يۇقىرى بولغان قوش يۆنىلىشلىك پاراڭلىشىش، ئورۇن بەلگىلەش ۋە رادىئاتسىيەسى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى قىلغان؛ بۇ قول سائىتى شىياۋمىنىڭ ئايلىق ئىجارىسى يوق تېلېفون كارتىسى (بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 2G تورىنى قوللايدۇ) نى قوللايدىكەن، مەملىكەت تەۋەسىدە تېلېفون قوبۇل قىلسا ھەقسىز بولۇپ، شەھەر ئىچى ۋە ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئۇرسا ھەر مىنۇتىغا پەقەت بىر مو ئېلىنىدىكەن؛ بۇ قول سائىتى يەنە ياڭراتقۇ ئارقىلىق سۆزلىشىش ۋە بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق تېلېفون ئۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئىكەن؛ سىمسىز تورنى قوللايدىكەن، ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ئېنىقلىق نىسبىتى 10 مېتىرغا يېتىدىكەن.

       يۇقارقىلاردىن باشقا، بۇ قول سائىتى يەنە بىخەتەر رايوندىن ئايرىلىشنى ئۇقتۇرۇش، بىر كۇنۇپكا بىلەن قۇتقۇزۇش، ئورۇن خاتىرىسى، بىر كۇنۇپكا بىلەن يول باشلاش، بىر كۇنۇپكا بىلەن ئاۋاز يوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنىمۇ ھازىرلىغان ئىكەن. رازمېرى 40x15x189 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 37 گىرام كېلىدىكەن، كۆك ۋە ھال رەڭلىك ئىككى خىل نۇسخىسى بولۇپ، ئىچىگە 300 مىللىئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن، توكى ئالتە كۈن ئەتراپىدا ساقلىنىدىكەن، نورمال ئىشلەتكەندە ئىككى كۈن يېتىدىكەن. بىر يانفون بىلەن بەش دانە قول سائىتىنى ئۆز-ئارا ئۇلاشقا بولىدىكەن، ئاندىرويىد يانفونىنىلا قوللايدىكەن، iOS نى ھازىرچە قوللىمايدىكەن.

      بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، شىياۋمى مۇشۇ سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتكەن، قارىغاندا شىياۋمى شىركىتى كەلگۈسىدە بالىلارغا يۈزلەنگەن تاقىما كۆچمە ئۈسكۈنە ساھەسىدىمۇ بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولىدىغان ئوخشايدۇ.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
     6-ئايدىكى ئالما WWDC ئاچقۇچىلار يىغىنىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، iOS 10 غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ھازىر چەتئەل تاراتقۇلىرى چىقارغان ئەڭ يېڭى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالما iOS 10 دا بىر مۇھىم تەڭشە...
05-05-2016
    ئەنگىلىيەدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلار 3- ماي گۇگولنىڭ قارمىقىدىكى بىر شىركەتنىڭ بىمارلار ھېچنىمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەنگىلىيەدىكى ئۈچ دوختۇرخانىدىن 1 مىليون 600 مىڭ بىمارنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرىنى ئىگىلىگەن.  ...
05-05-2016
    خوڭجى (Acer) بۇ ھەپتە دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان نۇسخىدىكى Aspire V17 Nitro Black خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كومپيۇتېرغا Win10 سىستېمىسى قاچىلانغان، سېتىلىش باھاسى 1069.99 دوللار (خەلق پۇلىغا 6935 يۈەن) دىن با...
05-05-2016
     Apple Watch بازارغا سېلىنغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، كىشىلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتقا بەرگەن تەنقىدى بىلەن ماختىشى ئوخشاش كۆپ بولدى. Apple Watch تېخى مۇۋەپپەقىيەتلىك مەھسۇلات ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئىستىقبالى بار....
04-05-2016
    چەت ئەل مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «دەۋر ژۇرنىلى» يېقىندا ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 50 نۇسخىدىكى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار كامېرا، تېلېۋېزور، مۇزىكا قويغۇچ، ئەقلىي يانفۇن، ئۇچ...
04-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سامسۇڭ پۇختا تېخنىكىسى ۋە غايەت چوڭ مەھسۇلات لىنىيەسىگە تايىنىپ، يەر شارى يانفون مال چىقىرىش مىقدارىدا بىرىنچىلىك ئورنىنى ئىگەللىدى. گەرچە كەينىدىن يېتىشىۋالغان ئالما خىرىس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ...
04-05-2016
    نۆۋەتتە سامسۇڭ Galaxy Note6 توغرىسىدىكى خەۋەر كۆپىيىشكە باشلىدى، لېكىن بۇ يانفوننىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى، ئېلان قىلىش ۋاقتى، سەپلىمىسى قاتارلىق تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان فوكۇس نۇقتىغا ئايلاندى، ھەر قېتىم يېڭى ئاشكارىل...
04-05-2016
    بىر خەلقئارا ئاسترونوملار ئەترىتى 2- ماي تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ تور نۇسخىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز يەر شارىدىن 40 يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى پەتەك يۇلتۇز ئەتراپىدا چوڭ-كىچىكلىكى يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئ...
04-05-2016
    كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ ئەڭ يېڭى تەڭ ئىئونلۇق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى تېلېۋىزورى ئېھتىمال خاككېرلارنىڭ، ھەتتا سامسۇڭ شىركىتىنىڭ سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى كۆزىتىشىگە ھەمدە شەخسىي مەخپىيەتلى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 2-ماي، ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شىتاتى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئايروپىلان قۇياش نۇرى قۇۋۋىتى 2- نومۇر دۈشەنبە كۈنى سەھەردە پىلان بويىچە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىن ئايرىلىپ، 16 ...
Powered by Leglek