جاھان ئاگېنتلىقى 19-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئۆكتەبىر ئېيىدا قاھىرەدە ئېچىلغان «غەززەگە ياردەم يىغىنى» غا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋەدە بەرگەن 5.4 مىليارد دوللارلىق ياردەمنىڭ پەقەت يۈزدە 5% ى پەلەستىنگە ئەۋەتىلدى. نورۋىگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ياردەمنىڭ كېچىكىپ قېلىشىدىكى سەۋەپ بولسا نىفىت باھاسىدىكى چېكىنىش ئىكەن.
2015-يىلى 1-يانۋار «IRIN» ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان پەلەستىن باش مىنىستىر ياردەمچىسى مۇھەممەد مۇستاپا ، ياردەم بېرىش يىغىنىدا ۋەدە قىلىنغان 5.4 مىليارد دوللارنىڭ پەقەت 300 مىليون دوللارلىق قىسمىنىڭ پەلەستىنگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. نورۋىگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرگې برېندى ۋەدە قىلىغان ياردەملەرنىڭ كېچىكىشىگە نىفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەپچى دېدى. غەززەنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلغان دۆلەتلەر بېشىدا قولتۇق دۆلەتلىرى بار. قاتار 1 مىليارد دوللار ياردەم ۋەدە بەرگەن، سەئۇدى ئەرەبىستان 500 مىليون ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولسا 200 مىليونلۇق ۋەدە بەرگەن. تۈركىيە 2014 تىن 2017 گىچە بولغان ئارلىقتا 200 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
فېۋرال ئېيىدا ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قۇرۇلۇشىنىڭ ،ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى جەريانىدا ئۆيلىرى ۋەيران بولغان ئائىلىلەرگە قىلىنغان ياردەمنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى يىتەرسىزلىك سەۋەبلىك توختىتىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئېچىلغان غەززەنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەتلەر ۋەدە بەرگەن ياردەم مىقدارى 5.4 مىليارد دوللارغا يەتكەن ئىدى. ئىسرائىلىيە 7-ئىيۇندىن باشلاپ غەززەگە قاراتقان 51 كۈنلۈك ھۇجۇمىدا 17 مىڭ 200 دانە ئۆي، 73 مەسچىت ۋە 24 مەكتەپ تامامەن ۋەيران بولغان، مىڭلارچە بىنا يېقىلغان. پەلەستىن تەرەققىيات ۋە يېڭى قۇرۇلۇش ئىقتىساد كومىتىتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەشتىيە غەززەنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 7.8 مىليارد دوللارغا ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە 7-ئىيۇندا باشلىغان ھاۋا ھۇجۇمى 28-ئاۋغۇست ئۇرۇش توختىتىشى بىلەن توختىغان ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 51 كۈن داۋام قىلغان ھۇجۇمىدا كۆپ سانلىقى پۇقرا بولغان 2150 دىن كۆپرەك پەلەستن خەلقى ئۆلتۈرۈلدى، 11 مىڭدىن كۆپ پەلەستىنلىك يارىلاندى. 51 كۈن ئىچىدە ئۆلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ سانى بولسا 69 ئەتراپىدا. ئىسرائىلىيە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى غەززەنى قامال ئاستىغا ئالغان بولۇپ ئادەتتىكى ياردەملەرنىڭ غەززەگە كىرىشىنى چەكلەۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved