غەربتىكى بىر قىسىم رايون سىياسىيونلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىرلىكتە دۇنيا ئارىلىنى تەشكىل قىلغان. بىراق كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى خۇددى دۇنيا تەرىپىدىن بۇلۇڭ-پۇشقاققا تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقتەك تەسۋىرلىنىپ، ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى، ئاچارچىلىق، كېسەلنىڭ ئاسارىتىدە قالغان دېيىلدى.
ۋاقتى ئۆتكەن، بىر تەرەپلىمە بۇ قاراش جەزمەن بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئافرىقا ئىقتىسادى غايەت زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %5 تىن يۇقىرى بولۇپ، قەد كۆتۈرۈۋاتقان چوڭ قۇرۇقلۇققا ئايلانماقتا. 14، 15-ئىيۇن ئېچىلغان ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 25-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا كېلىشىم سۆھبىتى رەسمىي باشلاندى. بۇندىن بۇرۇن، شەرقىي جەنۇبىي ئافرىقا ئورتاق بازىرى، جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى، شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى بىرىكتۈرۈش 10-ئىيۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىمزالانغان ئىدى.
ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا بولغان ئىستەك دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى يەر شارى قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، بىر مىليارد 300 مىليونچە نوپۇسى بار، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى جەملىگەندە ئىككى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد كۆلىمى بىلەن تەڭلىشىدۇ. ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىرامىن زۇما يوھاننسىبورگ باشلىقلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە نەزەر سالغاندا، جۇڭگو، ھىندىستان، بىرازىلىيەلەر نوپۇسى كۆپ دۆلەتلەر، ئەمما ئافرىقىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ۋە ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى بۇ ئۈچ دۆلەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق چوڭ ئەمەس، شۇڭا ئافرىقا بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك.
ئافرىقا دۆلەتلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر يەرگە كەلسە تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىدۇ. بۇ قەدىمىي چوڭ قۇرۇقلۇق ئەزەلدىن سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ كەلگەن. ئافرىقىدىكى 54 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورۇننىڭ تۆتتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئافرىقا ئەللىرى خەلقئارا ئىشلاردا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلسا، دۇنيامۇ تىترەپ كېتىدۇ؛ ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىدىن چاتاق چىقسا، دۇنيامۇ زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇلتۇر، غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتتە ئىبولا يۇقۇمى كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ، يەر شارىدا ۋەھىمە قوزغىدى. ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى ھايات-ماماتتا بىللە بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئافرىقىنىڭ كېسىلى دۇنيانىڭ كېسىلىگە ئايلىنىدۇ.
تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئافرىقا تەرەققىي قىلغان ھامان، بىر مىليارد 300 مىليون ئەمگەكچى ۋە ئىستېمال بازىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ، بىر مىليارد 300 مىليون ئەمگەكچى بازىرى ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سەرپ قىلىپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسلۇق ئىستېمال بازىرىنىڭ تۈرلۈك تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياجىمۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەگەر ئافرىقا تەرەققىي قىلمىسا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولالىشى ناھايىتى تەس؛ ئەگەر ئافرىقا تەرەققىي قىلسا، پۈتكۈل دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ.
جۇڭگو بىلەن ئافرىقا-بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى ھەم تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئافرىقا بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا «ئۈچنى تورلاشتۇرۇش، بىرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە ھەم ئىبولا يۇقۇمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئاساسىدا، كېيىنكى ئىبولا دەۋرىدىكى ئاممىۋى سەھىيە ھەمكارلىقى ئۈستىدە پائال ئىزدەنمەكتە. جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى-ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچى شۇنداقلا ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىدا، جۇڭگونىڭ تۆھپىسى تېخىمۇ جۇلالانغۇسى.
سىز ئامان بولسىڭىز، باشقىلارمۇ ئامان بولىدۇ. جۇڭگو تورلىرىدا مودا بولغان بۇ سۆز جۇڭگو بىلەن ئافرىقا، ئافرىقا بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىگىمۇ ماس كېلىدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق ئادەم يەككە-يېگانە ياشىيالمايدۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولغاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved