ئىراق جۇڭگودىن تۈركىيە ئارمىيەسىنى قوغلاپ چىقىرىشقا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندى

       شۇ يەر ۋاقتى 17-دېكابىر كەچتە، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى نىيۇيوركتا ئىراق دىپلوماتىيە مىنستىرى جافال بىلەن كۆرۈشتى.     ۋاڭيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ئىراقنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى كېتىپ بارىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئىراق تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى توغرا ۋە مۇۋاپىق بولغان تەلىپىنى چۈشىنىدۇ، بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغدىشىغا ۋە ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرىمىز، ۋە ھەمدە ئىراقنىڭ رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تەسىرىنى كۆرسىتىشنى كۆرۈشنى خالايمىز. جۇڭگو تەرەپ ئىراق تەرەپ بىلەن رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ئىراق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. بىز ئىراقنىڭ جۇڭگو تەرەپ خادىملىرىنىڭ ئىراقتا مۇناسىۋەتلىك تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشقاندا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    جافال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭلى ئاباد مۇشۇ يېقىندا جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىراق تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك ۋە قايتا قۇرۇش جەھەتتە بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ۋە ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىراقتىكى خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

جافال تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىغا ئەسكەر كىرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىرلەشتى، ھەمدە بۇنى ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا ئىراقنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، تۈركىيەنىڭ دەرھال ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

     ۋاڭيى مۇنداق دېدى: ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن زېمىن پۈتۈنلۈكى چوقۇم ھۆرمەت ۋە قوغداشقا ئىگە بولۇشى كېرەك، ھەرقانداق تېررورىزىمغا قارشى ھەرىكەت خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارىغا بويسۇنۇشى كېرەك، بولۇپمۇ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. بۇ بۇ جەھەتتە ئىراقنىڭ مەيدانىنى قوغدايمىز.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek