جۇڭگو جەمئىيىتى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.كېرمىل سارىيى تورىنىڭ 29- نويابىر بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا ،ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىكۇ 26- نويابىر كەچتە تېلېفوندا ئۇكرا ئىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرلەشكەن .
كېرمىل سارىيى تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن :‹روسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى ئاساسلىق روسىيە ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىنىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەشتى ،ئۇنىڭدىن . ئىلگىرى بەزى تاراتقۇلار رايون سۆھبىتىدە روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكۇغا تەھدىت خاراكتېرلىك سۆز قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن ئىدى ›.
روسىيە زۇڭتۇڭى ئاخبارات كاتىپى 27- نويابىر تاراتقۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىنىڭ ئارقىسىغا باشقا مەقسەت يۇشۇرۇنغانلىقى ئەمەلىيەتكە قىلچە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ،ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پائال مۇزاكىرلەشكەنلىكى ،ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭ سۆھبىتىنىڭ ئۇكرائىنا كىرزىسنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .پۇتىن 26- نويابىر روسىيە قوراللىق ئىشلىرى تەرەققىيات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا رۇسىيىنىڭ ھەر قانداق بىر ئادەمگە تەھدىت سالمايدىغانلىقى رۇسىيىنىڭ سىياسىي پاتقاققا پېتىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى .
ئۇكرائىنانىڭ سەككىزىنچى نۆۋەتلىك پارلامىنتى 27-نويابىر پارلامېنتنىڭ تۇنجى يىغىنىدا ياتسىيونىفنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىنشىنى ماقۇللىدى .ياتسىيىنوف پارلامىنېت كۆرسەتكەن بىردىنبىر زۇڭلى نامزاتى ،ئۇ بېلەت سانى ئومۇمىي بېلەت سانىنىڭ ئۈچتىن ئۈچ قىسمىدىن ئېشىشتەك ئۈستۈنلۈك بىلەن ئوڭۇشلۇق ھالدا يەنە ئوكرائىنا زۇڭلىسى بولدى .ياتسىيونىف ئاۋاز بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ زۇڭتۇڭ پوروشىنكونىڭ ئىچكى ئىسلاھات فاڭجىنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ياتسىيونوف بۇ يىل قىرىق ياشقا كىردى .
بۇ يىل 27-فېۋرال ئالاھىدە سالاھىيەت بىلەن ئۇكرائىنا پارلامىنتى تەرىپىدىن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭلىقىغا تەيىنلەنگەن .ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىمقى يىغىندا پوروشىنكۇ ئىتتىپاقىدىن كەلگەن پارلامىنېت ئەزاسى گىرويىسمان پارلامىنېت باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى .گىرويىسمان بۇ يىل 37 ياش ،ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مەلۇم بىر شەھەردە سەككىز يىل شەھەر باشلىقى بولغان ،بۇ يىل فېۋرالدا ئۇكرائىنانىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن .روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 26-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون يېقىندا ئوكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو بىلەن تېلېفونلاشقاندا، 12- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى فېلدماننى ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا زۆرۈر لازىمەتلىك ۋە مەبلەغ يەتكۈزۈپ بېرىش ھەمدە ئوكرائىنا كرىزىسىنى مۇۋاپىق يول بىلەن ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن كىيېۋقا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved