جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى يۈ خۇڭجې يېقىندا مۇنداق دېدى: H7N9 تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىدا ھازىر ئۆزگىرىش بولمىدى، يەنىلا قۇشلاردىن ئادەملەرگە يۇقۇشنى ئاساس قىلغان شەكىلدە تۇرماقتا، ئاممىنىڭ ھودۇقۇپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
يۈ خۇڭجې مۇنداق دېدى: ياز پەسلى H7N9 تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل ئەمەس، لېكىن دىڭگى قىزىتمىسى ئاسان كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەر شارىدا دىڭگى قىزىتمىسى يۇقۇمى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. خادىملار كۆپ يۆتكەلگەنلىكتىن ئېلىمىزدە دىڭگى قىزىتمىسى كېسەللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە 19 ئۆلكە دىڭگى قىزىتمىسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 67 گە يەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى، بۇ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئون نەچچىسى ئارتۇق. ھازىر بۇ كېسەللەر يەنىلا كىرىشنى ئاساس قىلىدۇ.
دىڭگى قىزىتمىسى ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ- پاشا ئاسان پەيدا بولىدىغان مۇھىتنى تۈگىتىشتە، ئائىلىلەردە پاشا ئۆلتۈرۈشمۇ ناھايىتى مۇھىم.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved