دانىيەدىكى كېچىلىك دۇكانلار مۇساپىرلارنى كەمسىتىدىغان بەلگىلىمە چىقاردى

         ياۋروپادا يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئاياغ ئاستى قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇساپىرلاردىن گۇمان قىلىنغاچقا، مۇساپىرلارغا قارشى كەيپىيات قوزغالغان. شياڭگاڭ «ئەدەبىي توپلام گېزىتى»نىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دانىيە جەنۇبىدىكى شەھەر بۇددىي ھوللىيدىكى كېچىلىك دۇكانلار يېڭىدىن تىل بەلگىلىمىسى يولغا قويغان بولۇپ، دۇكانغا كىرگەن خېرىدارلارنىڭ ئىنگلىزچە، نېمىسچە ياكى دانىشچە بىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

       خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ كېچىلىك دۇكان گەرچە 1997-يىلى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بەلگىلىمە چىقارغان. بىراق ھازىر سەزگۈر ۋاقىت بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ بەلگىلىمىسى يەنە بىر نۆۋەتلىك تالاش - تارتىش پەيدا قىلغان ھەمدە باشقىلارنى كەمسىتتى، دەپ ئەيىبلەنگەن. كېچىلىك دۇكاننىڭ خوجايىنى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىشىتىكى مەقسەتنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئورتاق تىل قوللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا كەلتۈرۈش ھەمدە كېچىلىك دۇكاندىكى خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى، بەلگىلىمىنىڭ مۇساپىرلارغا قارىتىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.

        بىراق، خەلقئارا ئالاھىدە كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دانىيەدىكى باياناتچىسى بۇ قىلمىشنى تەنقىدلەپ: «بۇ بەلگىلىمە شۈبھىسىزكى مۇساپىرلارغا قارىتىلغان» دېگەن. بەزى كېچىلىك دۇكان خېرىدارلىرى تىل بەلگىلىمىسى يول قويۇش ئىرقىي كەمسىتكەنلىك، تىل بىلمىگەن خېرىدارلارنى بايقۇت قىلىش تۇيغۇسىغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ، دەپ قارىغان.



خەتكۈچلەر:
21-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek